ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات بىلەن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى
2015.09.11

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىلىم ئوچىقى بولغان مەكتەپلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان قايتىدىن «ئىدىيە ئۆزگەرتىش»، «سىياسىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» چاقىرىقلىرى بىلەن ھەر خىل سىياسىي ئۆگىنىش، تەشۋىقاتلارغا زورلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. 10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىپادە بىلدۈرۈش بىلەن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
10-سېنتەبىر كۈنى خىتايدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى، ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سوراش ۋە بۇ مەرىپەت ئۇستازلىرىنىڭ بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى بىرقانچە مەكتەپلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياشلىق باھارىنى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە سەرپ قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم ئۇستازلار، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغان تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار، يېڭىدىن بۇ سەپكە قېتىلغان ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرۇش شامىلىدا، «خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى»، «ئوقۇتۇش تەلىپىگە يېتەلمىدى» دېگەن باھانىلەر بىلەن مائارىپ سېپىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ياكى كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلانغان ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى.
مائارىپ سېپىدىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر پېشقەدەم ئۇستاز، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «ياشانغان ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاش» نامىدا 10-سېنتەبىر كۈنى يېزىدىكى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى سوۋغاتلار بىلەن يوقلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارغا «پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، 5 تە ياخشى پېشقەدەملەردىن بولۇش» نى تەشۋىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئوقۇتقۇچىدىن ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتاي تىللىق مائارىپقا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ نارازى بولغان ھالدا، «قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ساۋاتسىز ھالەتتە قويغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزگىنىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مەسخىرىلىك جاۋاب بېرىپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ھازىر 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان ھەممە مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى بارلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىغىلىپ، «يۇقىرىدىن تارقىتىلغان مۇھىم ھۆججەتنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىش، تەقدىرلەنگەن تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاش، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش» قاتارلىق ئىشلار بىلەن جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى، ئىشخانىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن خاتىرە كۈنلىرىنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن، يىغىندىن كېيىن بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى 10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپ بويىچە چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردە «غەرب ئىدېئولوگىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەيدىغان نەمۇنىلەردىن بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى» ئېچىلغانلىقىنى، يىغىندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىپ ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-يىلدىن كېيىن «خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن باھانىدە، ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن قالدۇرۇلغان بىر ئوقۇتقۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى 5-6 يىلدىن بۇيان ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ سېپىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىلىپ،«ئاتالمىش قوش تىللىق مەكتەپ» لەرگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر تىلىنى ھېچ بىلمەيدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئانا تىل مائارىپىدىن مەھرۇم قېلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكىچە ساۋاتى چىقمايدىغان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ھېچنېمە ئۆگىنەلمەي مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل يىغىنلاردا مۇكاپاتلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا «سىياسىي ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولۇش» شەرتى ئالدىنقى قاتارغا قويۇلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەكتەپلەردىكى سىياسىي كەيپىيات تولىمۇ قويۇق بولۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلى يېزىلاردىكى مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش ئىچىدە ئۆتىدىكەن. نۆۋەتتە، ئىلگىرىكى ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى يېرىم كۈنلۈك سىياسىي ئۆگىنىشكە يەنە، جۈمە نامىزى مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە بارماسلىقى ئۈچۈن مەكتەپ ۋە مەسچىت ئالدىدا كۆزەتتە تۇرۇش ۋەزىپىسى قوشۇلغان.