قاينۇقلۇق دېھقانلارنىڭ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتقان زىيىنىغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلى نەگە كەتتى؟

0:00 / 0:00

بىر نەچچە يىل ئاۋۋال توققۇزتارا ناھىيىسىدىن چاپچال ناھىيىسىگە ئۆستەڭ چېپىپ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي، قاينۇق قاتارلىق يېزىلىرىدىكى سۇ قىسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا قاينۇق يېزىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا چىقىپ كەتكەن. دائىرىلەر دېھقانلارنىڭ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتقان زىيىنىغا مەلۇم مىقداردا تۆلەم پۇلى ئاجراتقان بولسىمۇ، بىراق تۆلەم پۇلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ قولىغا تەگمىگەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان دېھقانلار ئاپتونوم رايونغا قەدەر بېرىپ ئەرز قىلغان. بىراق دېھقانلار ئەرزىنى ھازىرغا قەدەر ئاقتۇرالمىغان.

توققۇزتارا-چاپچال ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا بىر قىسىم تېرىلغۇ يېرى زىيانغا ئۇچرىغان دېھقان ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىر مو يېرىگە دەسلەپكى تۆلەم پۇلىدا 450 سوم بەرگەن بولسىمۇ، بىراق دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېتىپ، 2012‏-يىلى ھەر مو بېشىغا يەنە 540 سوم قوشۇپ بەرگەن. ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا بىر قىسىم تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان قاينۇقلۇق دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىنىڭ توققۇزتارا-چاپچال ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا دېھقانلارغا ئاجراتقان تۆلەم پۇلىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى دېھقانغا بېرىلگەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم تۆلەم پۇلى دېھقانلارنىڭ قولىغا تەگمىگەن. دېھقانلارغا تەگمىگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم تۆلەم پۇلى نەگە كەتتى؟ قاينۇقلۇق بىر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر ۋەقە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى ھاكىمىيەتكە چىقىپ، چېرىكلىك مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى جار سېلىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىشى دىققەت قوزغىدى. يەر داۋاسى خىتايدا نارازىلىق قوزغاۋاتقان ئومۇمى مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئېچىش، كۆچمەن يۆتكەشتىكى نۇقتىلىق نىشانى بولۇپ بولغاچقا، يەرلىك خەلقنىڭ بۇ مەسىلىدىكى نارازىلىقى كۈچلۈك رايوندۇر.

يۇقىرىقى دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلارغا چۈشۈرۈلگەن تۆلەم پۇلنىڭ 16 دەن بىر قىسمى دېھقانلارغا بېرىلگەن. ئۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ھەر بىر مو يەرنىڭ يىللىق كىرىمىگە قاراپ پۇل چۈشۈرگەنلىكىنى، بىراق تۆلەم پۇلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز دەۋاگەر دېھقانلارنىڭ ئەرز-شىكايىتى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىشنى كۆزلەپ، قاينۇق يېزىلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھازىرقى سېكرېتارى يالقۇنغا تېلېفون قىلدۇق. بىراق يالقۇن مەزكۇر مەسىلە توغرىلىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى. يۇقىرىقى دېھقاننىڭ شىكايەت قىلىشىچە، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈپ بەرگەن تۆلەم پۇلىنىڭ بىر قىسمىغا قاينۇق يېزىلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى ئابلىكىم يول چىرىغى قويدۇرۇۋالغان. يۇقىرىقى ئەرزدار دېھقان يەنە، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا بەزى يېزا كادىرلىرىنىڭ ھېچقانداق تېرىلغۇ يېرى زىيانغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارغا ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلار قاتارىدا تۆلەم پۇلى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاپچالنىڭ قاينۇق قاتارلىق يېزىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتقان چاپچال-توققۇزتارا غول ئۆستىڭى ئىلىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ياسالغان مۇھىم سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىدۇر. يۇقىرىقى دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۆستەڭ ھازىر قاينۇق يېزىسىنىڭ ئارا ئۆستەڭ، چوڭ بۇلاق ۋە قاينۇق قاتارلىق كەنتلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ئۇ، مەزكۇر ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى يەرلىك خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلارنى چوقۇم رازى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.