يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۆي ۋە يەر-زېمىنلىرىنىڭ ئىنتايىن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تەرەققىيات رايونلىرى بىلەن ئىچكى قىسىمدا سودىلىشىپ، ئۆز تەۋەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۆي جاي ۋە زېمىنلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. بۇنى رەت قىلغان ياكى بازار باھاسىدا ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلغان بىر قىسىم ئاھالىلەر يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا، تەقىب قىلىشىغا، ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىن زورلۇق-زۇمبۇلىقىغا ئۇچرىغان.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرى بولغان گۈلقازما مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر نەپەر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ قىسمەتلىرى بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ دەلىللىمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ شەخسىي ئۆي-قورۇسى بىلەن بىرقانچە ئېغىز دۇكان ھەمدە دۇكانلىرىدىكى ماي تارتىش ماشىنىسى، ئىشىك-دېرىزە ياساش ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلكى شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر كېچىدىلا تراكتور بىلەن ئىتتىرىپ تۈزلىۋېتىلگەن.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يەنە تۇرپان شەھىرىگە تۇتاش يار يېزىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قىستىشى بىلەن شەخسىي ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ زېمىنلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇلاردىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ئۆي-جايلىرى بىلەن ئۈزۈملۈك باغلىرىدىن مەجبۇرىي رەۋىشتە ئايرىلىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلگەن ئەرزان باھادىكى تۆلەمگە ھېچقاچان رازى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېلېفون قىلدۇق.
ئاتۇش شەھىرىگە قاراشلىق شورۇق كەنتىنىڭ بازارغا تۇتاش جايىدا شەخسىي ئۆي-جايى ۋە بېغى بولغان ئابدۇرەھىم ئاكىنىڭ قىممىتى بىرقانچە مىليون يۈەنگە يارايدىغان زېمىن جايى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى 450 مىڭ يۈەن تۆلەم بىلەن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان بولۇپ، تاكى يېقىنقى مەزگىلگىچە بۇ دەۋا ھەل قىلىنمىغان ئىدى.
بۈگۈن ئابدۇرەھىم ئاكىنىڭ قىزى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلغان ياشانغان دادىسىنىڭ قاتتىق ئۇۋالچىلىق دەستىدىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى، ھازىرقى ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئاكىسىنىڭ يەر سېتىش قەغىزىگە مەجبۇرىي ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاتۇش شەھىرىنىڭ شورۇق كەنتىدىكى يەنە بىر ئەرزدار سەمى نىيازمۇ بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يىللارچە توختاتمىغان ئەرزىنى نۆۋەتتە توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ھازىرچە ئۆزىنىڭ سۈكۈت قىلماقتىن باشقا ئامالىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ ھەقتە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.