سابىق دىپلومات ئابدۇلكېرىم شېرىف: پاكىستان پرېزىدېنتى زىيائۇلھەقنىڭ قەستكە ئۇچراپ ئۆلۈشىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قولى بار

0:00 / 0:00


1988 - يىلى 17 - ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى،گېنېرال مۇھەممەد زىيائۇلھەق،گېنېرال ئەختەر ئابدۇراخمان، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئاۋمولد لېۋىس راپھېل قاتارلىق 30 كىشى ئولتۇرغان، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ك - 130 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان پاكىساننىڭ شەرقىدىكى باھاۋالپۇر ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلاپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ھەممە كىشى قازا قىلىدۇ.

27 - يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغىچە تەرەپلەر ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرالمىغان بىر شارائىتتا، ئىلگىرى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا دىپلومات بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھازىر شۋىتسارىيەدە ياشاۋاتقان سابىق دىپلومات ئابدۇلكېرىم شېرىف زىيائۇلھەقنىڭ قەستكە ئۇچراپ ئۆلۈشىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قولى بارلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئەلچىخانا ئىچىدە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

1987 - يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىدا 3 - دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى بىلەن دىپلوماتىيە خىزمىتىدە بولغان ۋە 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ پاكىستانغا زىيارەتكە كەلگەن كۈنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئەلچىخانىسىدىن باتۇرلۇق بىلەن قېچىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشى سېپىگە قېتىلغان، ھازىر شۋىتسارىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇلكېرىم شېرىف بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان پرېزىدېنتى مەرھۇم مۇھەممەد زىيائۇلھەقنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي سۈيىقەستتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قولى بارلىقى ھەققىدە بەزى بىر مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

سابىق پاكىستان پرېزىدېنتى زىيائۇلھەق
سابىق پاكىستان پرېزىدېنتى زىيائۇلھەق


سابىق دىپلومات ئابدۇلكېرىم شېرىف زىيارىتىمىز داۋامىدا پاكىستان پرېزىدېنتى مەرھۇم مۇھەممەد زىيائۇلھەقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دۈشمەن بولۇپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ پاكىستان ئارقىلىق ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇر ھاجىلارغا ھەج قىلىش يولىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارغا ياخشى ھەج قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدىن ۋە شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالماسلىق ھەققىدە بەزى بىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ئابدۇلكېرىم كېرىم شېرىف سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى كۆپ قېتىملىق يىغىنلاردا زىيائۇلھەقنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللايدىغان، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن خەتەرلىك كىشى دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سابىق دىپلومات ئابدۇلكېرىم شېرىف زىيارىتىمىز جەريانىدا، پاكىستان پرېزىدېنتى مەرھۇم مۇھەممەد زىيائۇلھەقنى ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغاندا، ئەلچىخانا ئۇنىڭغا ئالدىن تەييارلانغان چوشقا گۆشىدىن ھازىرلانغان تائام بەرگەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.