پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئافغان ئۇيغۇرلىرى مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلگەن

0:00 / 0:00

چارەك ئەسىر ۋاقىتتىن بېرى ئافغانىستان نوپۇسى بىلەن پاكىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى 3-ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمە نوپۇسلارنى تەرتىپكە سېلىش مەقسىتىدە يولغا قويغان يېڭى بەلگىلىمىلەر ئۇلارنى يېڭى مۈشكۈلاتلارغا دۇچار قىلغان.

نۆۋەتتە پاكىستاندا ياشاپ قىيىنچىلىققا يولۇققان تۇرغۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلار پاكىستان پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1979‏-يىلى ئافغانىستانغا قوشۇن كىرگۈزگەندىن كېيىن، 10 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا نەچچە مىليون ئافغانلىق مۇساپىر پاكىستانغا قېچىپ ئۆتكەن. شۇ قاتاردا سانى ئاز بولسىمۇ، بىر قىسىم ئافغانلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار پاكىستانغا قېچىپ ئۆتكەن ئىدى. ھازىر پاكىستاندا ئولتۇرۇشلۇق تۇرغۇن ئەپەندى ئەنە شۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇ، 1976‏-يىلى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش پارتلىغان ئىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.