پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق قوي گۆشى تارقىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى

0:00 / 0:00

25-سېنتەبىر پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى ئۆزگىچە تەبرىكلىدى.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر يىلقى قۇربان ھېيتتا راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق قوي گۆشى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگە تارتماقچى بولۇپ كەلگەن. بىراق بۇ يىل پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇمنىڭ تەشكىللىشى ۋە چەتئەللەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئىقتىسادى ئاجىز بولغان ئۇيغۇرلاردىن 25 ئائىلىگە 25 تۇياق قۇربانلىق قوي تارقىتىپ بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇقېيۇم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇربانلىق قوي گۆشى تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى « شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قاراقاش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيەدىكى تۈرك قېرىنداشلار تەرىپىدىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئىقتىسادى ياردەم ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سۆزىدە قۇربانلىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىراتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىپ قۇربانلىق قوي تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىدىن خەۋەردار بولغان ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى دەرھال بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ناسىرخاننى ئىشقا سالغان. ناسىرخان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ تىزدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلىشىنى ۋە بۇ يەردە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قۇربانلىق قوي گۆشى تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلغان.

مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، بۇ قېتىمقى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئىقتىسادىي ياردەمدىن يالغۇز راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارلا بەھرىمەن بولۇپ قالماستىن، بەلكى پاكىستاننىڭ جەنۇبىي گىلگىت شەھىرىدىكى ۋە ھەتتا ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ قۇربانلىق ئۈچۈن پۇل يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.