پاكىستاندىكى بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنى نەسەبنامە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان

0:00 / 0:00

مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاننىڭ راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل كۈرىسى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئانكىت تارقىتىپ، ئۇلاردىن كىملىك ئۇچۇرلىرىنى سورىغان.

ئانكىتتا ئوقۇغۇچىلاردىن، ئاتا-بوۋىلىرى ۋە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغانلىقى مەزكۇر مەكتەپكە پەرزەنتلىرىنى ئەۋەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئەجەبلەندۈرگەن.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلارنى كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىققا چاقىردى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، پاكىستاندا قۇرۇلغان «ئۆمەر ۋەخپى» نىڭ شۇ يەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەش خىزمىتى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچراپ، كېيىن پاكىستاندا يەنە بىر مەكتەپ ئېچىلغان ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەزكۇر مەكتەپتە تەربىيىلىنىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى.

مەزكۇر مەكتەپ ئەينى چاغدا بۇ مەكتەپتە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئانا تېلىنى ئوقۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى ۋەدە قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ھازىرغا قەدەر ئەمەلىيلەشمىگەن. ئەكسىچە، مەكتەپتە خىتاي تېلى ئۆگىتىش يولغا قويۇلغان.

يېقىندا يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈر بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە ئۈرۈمچىلەردە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، چارىسىزلىق ۋە موھتاجلىق يۈزىسىدىن سەبرە قىلىپ كەلگەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئالدىنىۋاتقانلىقى ۋە بارغانسېرى بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى چۈشىنىپ يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نەچچە كۈن ئىلگىرى مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ئانكىت تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەزكۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئائىلىسى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەسەبى، ۋەتەندىن چىققان تارىخى، ئەسلى يۇرتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىملىكىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ ئىشقا قارىتا تەھلىل يۈرگۈزۈپ، خىتايلارنىڭ ئۆز نەسەب تارىخى، ئانا يۇرتى ۋە قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىگىلىشىدىن شۇملۇق ھېس قىلغان. بەزىلەر خىتايلارنىڭ بۇ ئارقىلىق 80‏-يىللاردىن كېيىن پاكىستاندا يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر خىتايلارنىڭ بۇ ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى كىملىكىنى تەكشۈرۈپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، دەسلەپتە ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئانكىت مەسىلىسىگە نارازىلىق ۋە ھوشيارلىق بىلەن قارشى ئىنكاستا بولغان بولسىمۇ، خىتايلارنىڭ «كالا ھارۋىسىدا توشقان تۇتۇش» ھىيلىسىدە سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىشقا باشلىغان.

بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرى ئارقىلىق مەزكۇر ئانكىتنى تولدۇرغان كىشىلەرگە «راۋالپىندى شەھىرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي بېرىش»، « كىشى بېشىغا 1000 لاردىن پۇل بېرىش» ياكى «ماددىي ئەشيالار بىلەن مۇكاپاتلاشتەك»... قۇرۇق ۋەدىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەمەخورلۇقنى پەيدىن-پەي قانات يايدۇرغان. ھەتتا، بىر قىسىم خىتاي بەرەس ئادەملەرنى ئىشقا سېلىپ تەھدىت پاراڭلارنىمۇ پەيدا قىلغان.

بىز يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى دەلىللەش ئۈچۈن، خىتايلارغا يېقىندىن يانتاياق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

«جۇڭگو بىرلىكى» نامىدا پاكىستاندىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ياردەملەردە بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى مەسئۇللاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇراھىم مۇھاممدۇلل ئەپەندى مەزكۇر ئانكىتنىڭ خىتاي كونسۇلى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇنى پەقەت ئۆزلىرى ھەمكارلىشىپ قۇرغان «جۇڭگو بىرلىكى» تەشكىلاتىدىن ياردەم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەمىنات جەھەتتىكى تەڭسىزلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە شىركىتى بارلىقى، خىتاي تەرەپ بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىش قىلىدىغانلىقى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىش لازىملىقىنى ئىشارەت قىلدى.

نۆۋەتتە مەزكۇر ئانكىت تولدۇرۇشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تاللاش پۇرسىتى بار؟ ئۇلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟

بىز مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن، بىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتا پىكىر يۈرگۈزگەن تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ نەسەبنامىسىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى تەمىنلىمەسلىككە ئۈندىدى.