چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بەش كۈنلۈك خىتايدا زىيارەتتە بولغان پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، رايون بىخەتەرلىكىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەتتە بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ھىندىستاندا چىقىدىغان ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ «خىتاي تېررورلۇق لاگېرى مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ شەرىف بىلەن سۆھبەتلەشتى» دېگەن سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپ بىلەن بىرگە پاكىستاننىڭ 11 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا خىتاي بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى دېيىلگەن.
خەۋەردە پاكىستان بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە كارىدورى قۇرۇش پىلانى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش بەلگىلەنگەن بۇ كۈنلەردە، پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، بىر قېتىملىق ۋەقەدە 35 كىشى قازا قىلدى،دېيىلگەن.
خەۋەردە پاكىستان بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق لاگېرىدا مەشىق قىلىۋاتقان تېررورچىلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى مەسىلىسىنى پاكىستان تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇشقا ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاي تەرەپ ئاخباراتى يېقىندا ئېلان قىلغان: «شىنجاڭدا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى پاش بولدى» دېگەن ئۇچۇرىمۇ كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەھلىلچىسى گاۋ جىكەينىڭ تېلېۋىزور پروگراممىسىدا پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا باھا بېرىپ:«پاكىستان بىلەن خىتاي يېقىن ھەمكارلاشقاندىلا تېررورچىلىقنىڭ تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن تەھلىلىگە ئورۇن بېرىلىپ، مۇتەخەسسىس گاۋ جىكەينىڭ : «ئەگەر كارزايى ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، ئافغانىستان كەلگۈسىدە دۇنيادىكى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىدۇ » دېگەن مۇلاھىزە سۆزىمۇ قىستۇرۇلغان.
خەۋەردە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭنىڭ پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا:
«خىتاي تەرەپ، پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە پاكىستاننى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېگەن سۆزىمۇ بېرىلگەن.
ئەرەب خەۋەرلىرى گېزىتىدە بولسا، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بېيجىڭغا كېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ يىل ماي ئېيىدا خىتاي باش مىنىستىرى لې كېچاڭ ئىسلامئابادتا زىيارەتتە بولغاندا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا باستۇرۇش كېلىشىملىرىگە قول قويغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستان خىتاينىڭ كۆپلىگەن ياردىمىگە ئېرىشتى. پاكىستان بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆزىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېگەن باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۆلتۈردى. لېكىن ھازىر ئۇلاردىن بىر قىسمى پاكىستاندا بار،-دېيىلگەن.
خەۋەردە ئىسلامئاباد بىلەن بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز دۇنيالىشىشى دەپ كۆرسىتىلگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيىلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۈكى خانىم پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-پاكىستان ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، خىتايدىن ھازىرغىچە كۆپ نەپ ئېلىپ كەلدى. ئەمما پاكىستان ۋە خىتاي ئېيتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە تەھدىت سالغىدەك كۈچى يوق. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى كۆككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.