ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن خىيانەتچىلەرنىڭ پېيىگە چۈشتى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا 100 كىشىلىك بىر خىيانەتچى ئەمەلدارلار تىزىملىكىنى تاپشۇرغان. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بولسا بۇ كىشىلەرگە دەرھال قىزىل تاشلىق خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرپولغا بەرگەن خىتاي قاچقۇن ئەمەلدارلارنىڭ سانى 423 كە يېتىپ باردى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەئەللۇق 2 كىشى بار.

ئۇلارنىڭ بىرى، ياڭ جىگاڭ ئىسىملىك بىر خىتاي كۆچمىنى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئىلى دائىرىلىرىنىڭ تىزىملىكىدىكى چەتئەلگە قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇمىي سانى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 6‏-ماي مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇش كېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، قاچقۇنلارنىڭ 1-2 ئادەم بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ قاچقۇن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ماگنىتىسكىي يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى مۇزاكىرىگە قويغان ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

مەزكۇر قانۇن، باشقا ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئەمەلدارلارنى جازالاش بىلەن بىرگە، خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو قويۇشنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا كىرىشىنى، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويۇشنى تەكىتلەيدۇ.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قانۇن ئوخشاشلا د ئۇ ق نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» ھەققىدىكى يېقىندا چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇن خىتاي يەرلىك ئەمەلدارلىرىغا كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «بۇ لايىھە قانۇنغا ئايلانسا ئۇ چوڭقۇر تەسىر قوزغايدۇ. چۈنكى، خىتايغا ئوخشاش ئىستىبدات دۆلەتلەردىكى بەزى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىنى تىزىمغا كىرگۈزۈش، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى خەلقئارانىڭ دىققىتى، تەنقىدى ۋە بەدەلسىز قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ» دېگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يىغىن تۈگەپ ئاخىرىدا مۇخبىرىمىزغا چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى بىلەن خىيانەتچىلىك زىچ ئالاقىدار بولۇپ، بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار ئوخشاشلا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پارىخور خىيانەتچىلەر ئەمەلدارلاركەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر بېيجىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ بەرگەن. ئۆلتۈرگەن تۈرمىگە تاشلىغان ھەرقانداق خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ خىيانىتىنى يېپىپ قويۇپ، بىزنى قىرىپ بەرسىلا ماقۇل دەۋاتىدۇ. لېكىن›ماگنىتىسكىي قانۇنى‹ بىزنى ھەم ئۆلتۈرۈپ ھەم خىيانەت قىلىۋاتقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تارتىۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك، ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى چەكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي مەنبەسى باشقا دۆلەتلەردە بولغانلارنى توڭلىتىمىز، دەۋاتىدۇ»

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەشكە تېگىشلىك بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلار جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، «دېمەك ۋاڭ لېچۈەن دەيمىز، نۇر بەكرى دەيمىز، دىلنار ئابدۇللا ئىسمائىل ئەمەتنىڭ كېلىنى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۇنى دەيمىز، جاڭ چۈنشيەن دەيمىز، يېڭى بېكىتىلگەن ج خ نازارىتىنىڭ نازىرىنىڭ ئېتى نېمە، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم ئۇنى دەيمىز. يېڭى بېكىتىلگەن نازىرغا ئوخشاش بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرغىن قىلغان ھەممىسىنىڭ تىزىملىكىنى بىز بىر-بىرلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى خەلقئارا ماگنىتىسكى قانۇنى بويىچە ئەرز قىلىمىز.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تىزىملىكىدىكى قاچقۇن خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن بەزى پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر ئىلىغا ئالاقىدار خىيانەتچىلىك دېلولىرىنىڭ ئەھۋالى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا نازۇك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بەزى سىياسىي دېلولارنى خىيانەتچىلىككە باغلاش ئېھتىمالى بار. شۇڭا، خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن قاچقۇن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دېلولاردا ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە بەك نازۇك. چۈنكى، خىتاي ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلغان ھەرقانداق ئاكتىپ شەخسى، ئەگەر كارخانىچى ياكى ئەمەلدار بولسا، ئۇ خىتايدا ئەمەلدار بولسۇن ياكى كارخانىچى سودىگەر بولسۇن ئازدۇر-كۆپتۇر قانۇنسىز يولدا مېڭىپ، ئۆزىنى بېيىتىدۇ، ھوقۇق، ئەمەلگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھەرقانداق بىر كادىرنى يىقىتىمەن، دېگەن ۋاقتىدا بۇ سىزىق ئېنىق ئەمەس. شۇڭا، خىتاي بۇرۇن ۋەتەندە ۋاقتىدا ئازراق ئەمەل تۇتقان ئۇيغۇر بولسا ياكى شىركەت قۇرۇپ، سودا قىلغان بولسا، مەسىلەن، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش، بۇنى خىتاي ھەقىقەتەن ئىقتىسادى مەسىلىگە باغلىيالايدۇ.»

لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ماگنىتىسكىي قانۇنى» سىياسىي شەخسلەر بىلەن خىيانەتچىلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسىكەن. ئۇ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى روشەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارانىڭ بۇ جەھەتتىكى قانۇن-بەلگىلىمىسى ناھايىتى ئېنىق. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى بۇنداق مەسىلىلەرگە ناھايىتى كەسكىن قارايدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، غەرب دۇنياسى بۇنداق مەسىلىلەردە خىتاينىڭ دېگىنىگىلا قارىمايدۇ. ئۇلار شۇ شەخسنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيىتى، قايسى كاتېگورىيىگە كىرىدۇ، سىياسەتكە كىرەمدۇ ياكى پەقەتلا ئۆزىنى بېيىتىشلا ئۈچۈنلا قىلدىمۇ. ئەگەر سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ توپلىغان بايلىقىنى ئەركىنلىك ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن بولسا، غەرب دۇنياسى ئۇنى پارىخورلۇققا كىرگۈزمەيدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ‏6‏- مايدىكى يىغىنىدا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شۈ خەيروڭ، چەتئەلگە قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ تولۇق تىزىملىكى ۋە ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ۋە قېچىش ئېھتىمالى بار خىيانەتچىلەرنى دەرھال توسۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يەنە چەتئەلگە قاچقان قاچقۇنلارنى ۋە ئۇلار ئېلىپ قاچقان مال -مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىلى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايون. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا نوقۇل مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەن.