تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرىپىدىن پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نامزاتلىققا نامزات بولدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەستىقلاپ رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسەتسە، ئۇ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن رەسمىي نامزات سۈپىتىدە سايلامغا چۈشىدۇ.
تۈركىيەدە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن يېڭىدىن سايلىنىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2015-يىلى 7-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سايلامغا تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيىلىرى پارلامېنت ئەزالىقىغا ئۆز نامزاتلىرىنى ئېلان قىلىپ سايلامغا قاتناشتۇرىدۇ. بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان نامزاتلار تۈركىيەنىڭ رەسمىي پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ.
پەرھات تەڭرىتاغلى كىم؟ پارلامېنت ئەزالىققا نامزات بولۇپ سايلامغا قاتنىشىشقا نېمە تۈرتكە بولدى ۋە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟، ئەگەر بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەقدىردە، پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئېلىپ بارماقچى بولغان پىلانلار بارمۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پەرھات تەڭرىتاغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇغاندىن كېيىن 1984-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان« جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى بولۇپ بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. ئۇ 1987-يىلى ئائىلىسى بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى بويىچە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ھەتتا تەڭرىتاغلى نامىدا بىر ناخشا-مۇزىكا ئەترەت گۇرۇپپىسى بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا مىللىي چالغۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەرھات تەڭرىتاغلى، پارلامېنت ئەزالىققا نامزات بولۇشنى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئويلىنىپ تەييارلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى سايلامغا رەسمىي نامزات بولۇپ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، ئەگەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان تەقدىردە ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كېرەك بولغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن بۇ قېتىم تۈركىيەدە جەمئىي 2 ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات نامزاتى بولدى.
ئۆتكەن ئاي شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى ئەسەر تۈركىستانلى ساكا خانىم مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات نامزاتى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.