كېرىيەدە دوختۇرخانىدىن قاچقان ئاتا: سەۋەبىڭلار بىلەن قۇتۇلۇپ قالدۇق، ئەمما ئەندىشىمىز يەنە بار

0:00 / 0:00

كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا تۇغۇلۇش ئالدىدىكى 6 نەپەر بوۋاقنىڭ ئانا قارنىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر يېزىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن ئىدۇق. يېزىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ئۆزلىرى سادىر قىلغان ھامىلە قەتلە قىلىش ۋەقەسىنى ئىقرار قىلغان؛ ۋەقەنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغانلىقىدىن ئۈمىدلەنگەن مەتقۇربان نۇرى ھامىلىدار ئايالىنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن قاچقان ئىدى. بۈگۈن يەنى ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مۇخبىرىمىز مەتقۇربانغا قايتا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سورىدى. مەتقۇربان نۇرى دوختۇرخانىدىن قاچقاندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدىمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە ھامىلىنىڭ ھازىرغىچە ئامان تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇخبىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە، مەھەللىدە تارقالغان بەزى مىش-مىش گەپلەر سەۋەبىدىن ھامىلىنىڭ تەقدىرىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۈگۈن ئالدى بىلەن 8 ئايلىق بالىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن مەتتۇرسۇن قاۋۇلنى زىيارەت قىلدۇق. مەتتۇرسۇن ئۆتكەندە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق بىر ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، شۇنىڭدىن كېيىن بالا چۈشۈرۈش ۋەقەسىنىڭ ئۆزى تەۋە كەنتتە يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان مەتقۇربان نۇرىنىڭ ئايالىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

سوئال: ئۇنداقتا ھازىرغىچە كەنت ياكى يېزا رەھبەرلىرى سىلەرنىڭ بالاڭلارنى چۈشۈرگىنىمىز خاتا بوپتۇ دېگەن گەپنى قىلمىدىمۇ؟
جاۋاب: ياق بولمىدى. ھېچكىم بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. دوختۇرخانىغا ئاپارغۇچە مۆكۈنگەن يېرىمىزدىن ئىزدەپ تېپىپ قاراڭغۇدا مەجبۇرىي قول قويدۇرغان شۇ كادىرلارنىڭ ھېچقايسى يوق، چاتىقى بولمىدى.
بىز ئۆتكەن ھەپتە دوختۇرخانىدىن قاچقان مەتقۇربان نۇرىنى زىيارەت قىلدۇق:

سوئال: قانداق ئەھۋالىڭلار ھازىر؟
جاۋاب: ياخشى، ئۆيدە ئولتۇردۇق.

سوئال: ئايالىڭىزنى قايتا دوختۇرغا ئاپىرىمىز دەپ كەلمىدىمۇ؟
جاۋاب: كەلمىدى، شۇ كۈندىن كېيىن مېنى ئىزدىگەن بولمىدى؛ شۇڭا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دەم ئېلىۋاتىمىز.

سوئال: ئايالىڭىزنىڭ كەيپىياتى قانداق؟ قورقۇپ كەتكەن ئەھۋال بارمۇ؟
جاۋاب: ياق ئۇنداق ئەھۋالمۇ يوق. ئىلتىپاتىڭلار بىلەن ئامان قالدۇق، ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپتىمىز.

سوئال: دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكىنىڭلار خاتا بولدى دەپ كايىغۇچىلار بولمىدىمۇ، باشلىقلاردىن؟
جاۋاب: ياق بولمىدى. شۇ سىز تېلېفون قىلغان كۈنى، مەن دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنلا سۇن شۇجى(يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى) تېلېفون قىپتىكەن، كەنت باشلىقىغا، پۇلنى قايتۇرۇۋېلىڭلار دەپ...

سوئال: بۇ نېمە پۇل؟
جاۋاب: بىز دوختۇرخانىغا بارغان كۈنى 2400 سوم تۆلىگەن دوختۇرخانىغا، شۇ پۇلنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇۋاپتۇ، بىز بالا ئامان قالغاندىكىن مەيلى دېدۇق.

سوئال: دوختۇرخانىنىڭ بالا چۈشۈرگەن پۇلىنى سىز ئۆزىڭىز تۆلىدىڭىزمۇ؟ باشقىلارمۇ شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: سەككىز ئايلىق بالىنى چۈشۈرۈشكە 3500 سوم تۆلەپتۇ، ئاتا-ئانىسى شۇنداق دەيدۇ؛ باشقىلىرى 900 سوم، 1000 سومدىن ئۆتكۈزدۇق دەيدۇ.

سوئال: ئەمىسە مۇمكىن بولسا شۇ ئائىلىلەرگە تۆلىتىۋاتقان، بولمىغاندا كەنت ئۆزى تۆلىگەن ياكى تولۇقلىغان گەپكەن-دە؟
جاۋاب: شۇنداق، شۇنداق ئوخشايدۇ.

سوئال: يەنە ئەندىشەڭلار بارمۇ؟
جاۋاب: تۈنۈگۈن بىر مىش-مىش گەپ چىقتى. «سىلىنىڭ بالىنى چۈشۈرۈۋەتمىسە بولمايدىكەن» دەپ، «كەلسۇن بالىنى ئالىمەن دېگۈچە مېنى ئاتسۇن» دەپ ئولتۇردۇم.

سوئال: بۇ گەپ قەيەردىن چىققان گەپ؟
جاۋاب: بۈگۈن ناھىيەدە بىر پىلانلىق تۇغۇت يىغىنى ئېچىلىپتىمىش، پۈتۈن ئايال مۇدىرلار قاتنىشىپتۇ، بۇندىن كېيىن 5 ئايلىقتىن چوڭ بوۋاقلارنى چۈشۈرمەيمىز، 5 ئايلىقتىن تۆۋەنلەرنى چۈشۈرۈۋېرىمىز دەپتۇمىش.

سوئال: بۇ، كوچا پارىڭىمۇ، رەھبەرلەردىن ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: مەھەللىدىكى گەپ.

سوئال: سىلەر دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەردىن باشقىلارنىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپارغان، چۈشۈرگەن ئەھۋال بولدىمۇ، ئاڭلىدىڭلىمۇ؟
جاۋاب: بولمىدى؛ ئۇنداق گەپنى ئاڭلىمىدۇق.

يۇقىرىدا، ئۆتكەن ھەپتە كېرىيەدە ھامىلىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن قاچقان ئائىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.