3-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى چاقىردى. مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ب د ت نىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى كېلەر ئاي جەنۋەدە باشلىنىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئاياللار مەسىلىسى جەنۋەدىكى يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.
چارشەنبە كۈنكى «جىنسىي قىرغىنچىلىق: خىتايدىكى غايىب قىزلار» ناملىق يىغىندا، خىتاي پائالىيەتچى سەي لىڭ، ئامېرىكىلىق ئاپتور ۋە ژۇرنالىست مارا ۋېستېندال، ئامېرىكىدىكى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى جۇلى برەننىڭ قاتارلىق پائالىيەتچى ۋە تەتقىقاتچىلار گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى كرىستوفېر سىمىت، خىتايدا ئەر-ئايال نىسبىتى ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئادەم قاچاقچىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ جىنسىي قىرغىنچىلىق بىر «قەرەللىك بومبا» دېدى.
كرىستوفېر سىمىت مۇنداق دېدى: «جىنسىي قىرغىنچىلىق يوشۇرۇن يوقىتىش خاراكتېرلىك تراگېدىيە بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى قەرەللىك بومبا. ئۇ بولۇپمۇ خىتايدا زور ئىجتىمائىي، سىياسىي، بىخەتەرلىك تەھدىتى.
خىتاي دۇنيادا ئېغىر ئەر-ئايال جىنسىي نىسبەت تەڭپۇڭسىزلىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا توي قىلىش يېشىدىكى ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللاردىن 34 مىليون ئارتۇق.
ۋالىس ھادسونغا ئوخشاش نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللاردىن بۇنداق زور كۆلەمدە ئېشىپ كېتىشى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ، جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى ۋە جىنسىي زوراۋانلىقلارنى ئارتۇرىدۇ. بۇ خىتايدا ئاللىبۇرۇن قىز-ئاياللار قاچاقچىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.»
كرىستوفېر سىمىت يەنە، ھازىر خىتاينىڭ دۇنيا ئايال جىنسىي قاچاقچىلىقىنىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇنىڭدىن «چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دەيدۇ.
كرىستوفېر سىمىت: «خىتاي دۇنيا جىنسىي تىجارەت قاچاقچىلىقىنى جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلاندى. مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. بىز ۋىيېتنام، بىرما، كامبودژاغا ئوخشاش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئاياللار قاچاقچىلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئارتىپ، خىتايدىكى ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. خىتايغا قېچىپ بارغان شىمالىي كورېيەلىك ئاياللار ئوخشاشلا تەھدىت ئاستىدا. ئۇلار ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشى ۋە خوتۇنلۇققا مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ كەلدى. قاچاقچىلارنىڭ ئاياللارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشى، خوتۇنلۇققا مەجبۇرلاش ئەھۋالى ئوخشاشلا خىتايدىكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ئېغىر ھادىسە.»
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا ئەر ۋە ئاياللار نىسبىتىدىكى ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقنى نۇقتىلىق ئىككى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ بىرى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يەنە بىرى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئوغۇللارنى ئارزۇلاپ، قىزلارنى يەكلەشتەك ئەنئەنىۋى جەمەت قارشىدۇر.
خىتاي پائالىيەتچى سەي لىڭ يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، جىنسىي يەكلەشكە قارشى ئۇرۇش ئىنسانىيەتنى قوغداش ئۇرۇشى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە تىنچلىقنى قوغداش ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، ئەر-ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ ئىشغالىيەتچىلىك ھەرىكىتى، پاكىستان، ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلارغا ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەي لىڭ: «بۈگۈنكى خىتايدا 37 مىليون ياش خوتۇن بولمىغاچقا توي قىلالمايدۇ. بۇنداق زور كۆلەملىك جىنسىي پەرقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى بار. ئۇ، ئادەم قاچاقچىلىقى ۋە پاھىشىۋازلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن چېتىشلىق. ھازىر دۇنيادىكى جىنسىي قاچاقچىلىقنىڭ 60% نى خىتاي ئىگىلەيدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئەرلەر نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، دۆلەتلەرنى ئىشغالىيەتچىلىك يولىغا مېڭىشقا ئېلىپ بارىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە، ھازىرقى زاماندا پاكىستان بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشلار جىنسىي تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئالاقىدار. شۇڭا، قىزلارنى يەكلەشكە قارشى تۇرۇش ئۇ نوقۇل قىزلارنى قوغداش، ئىنسانىيەتنى قوغداش ئۇرۇشىلا ئەمەس. ئۇ يەنە تىنچلىقنى قوغداش ئۇرۇشىدۇر.»
سەي لىڭ يەنە، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئوغۇلنى قەدىرلەپ، قىزلارنى خورلاشتەك بۇ خىل خاھىشقا خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
سەي لىڭ: «خىتايدا جىنسىي قىرغىنچىلىقنى ئىككى خىل ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يەنە بىرى، ئوغۇل بولسا تۇغۇپ، قىز بولسا تۇغماسلىق خاھىشى.
شۇڭا، جىنسىي يەكلەشكە خاتىمە بېرىپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش خاھىشىنى جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدا قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كونا خاھىشلارنى يېڭىپ، يېڭى قاراشنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەتنى يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. چۈنكى، بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، مېنىڭ تەكلىپىم ئىككى پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، تۇغۇتقا ھېچقانداق چەكلىمە قويماسلىقتۇر.»
يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى پىتتېنگېر خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇنىڭ مەنپەئىتىگە ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، ئىككى پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇنىڭ بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بىر ئاز ياخشىدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتايدا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېتتىنگېر مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇرەككەپ ھەم ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس، ئىنسانىي، ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. بۈگۈن خىتايدا ئەركەكلەر ئاياللاردىن 34 مىليون ئارتۇق. دەلىللەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ۋىيېتنام، كورېيە قاتارلىق قوشنىلىرىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى مەلۇم. جىنسىز تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا ئادەم قاچاقچىلىقىنى كۈچەيتكەن. كامبودژا، ۋىيېتنام، بىرما ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى قىز ۋە ئاياللارنىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىلىپ، خوتۇنلۇققا مەجبۇرلىنىش، جىنسىي سۇيىئىستېمال ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان. بۇ، خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىشىنى ئارتۇرۇپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشىنى، ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشنى قىيىنلاشتۇرغان. شۇڭا، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشى ئۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپلا ئەمەس، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە زىيانلىق.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىنى كەلگۈسى 35 يىلدا 30 مىليون ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىشىنى 2% ئاستىلىتىدىغانلىقى، ئىقتىسادنى 0.5 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.