پىلانلىق تۇغۇت كادىرى ئاينىسا: خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ ئەمەل قىلمىدى
2017.08.08
ئۇيغۇرلار دىيارىدا يىللاردىن بۇيان ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» دە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىككى پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كېلىپ، ۋاقىتلىق نوپۇس بىلەن ياشاۋاتقان يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشى كېرەك دەپ، ئۈچىنچى پەرزەنتىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەنلىكىگە شاھىت بولغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىدا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئاينىسا ئابلىكىم، ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ پىلاندىن ئارتۇق دەپ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلمەكچى بولغان پەرزەنتلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ھازىر شىۋېتسىيەنىڭ مەلۇم شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاينىسا ئابلىكىم بىلەن، ئۇنىڭ خىزمەتتىن ھەيدىلىش جەريانى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.