ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېچىلغان سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىندا، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ۋە تەدرىجىي ھالدا بارچە مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مەسىلە، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

29-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتا ۋە نىشانلار بەلگىلەپ چىقىلغان. يىغىنغا، ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان جياڭسۇ، خېنەن، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ سەھىيە ئورگانلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەھىيە ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتناشقان. يىغىندا، دۆلەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ پىيئەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېنلار مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. يىغىن ھەققىدە تەڭرىتاغ تورىنىڭ خىتايچە بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ پېيئەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەدرىجىي ھالدا ھەممە مىللەتلەرگە باراۋەر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇرۇن، شەھەر نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا 2 پەرزەنت، خىتايلارغا بىر پەرزەنت، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا 3، خىتايلارغا ئىككى پەرزەنت بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن ئىدى. بىراق، ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان قارار بىلەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، شەھەر نوپۇسىدىكى خىتايلارغىمۇ ئوخشاش ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش ئىمكانى تۇغۇلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلغان ئوخشاش مەزگىلدە قەشقەردە «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ھەممە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ سۆزنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 2014-يىلىدىلا تىلغا ئالغان. بىراق، ھېچقانداق خەۋەر مەنبەلىرىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىردەك تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش» دېگەن سۆزگە ئېنىق بىر ئىزاھات بېرىلمەي كەلمەكتە. جۈملىدىن بۇ سۆزنىڭ يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 پەرزەنت كۆرۈشى چەكلىنىپ 2 گە چۈشۈرۈپ قويۇلامدۇ ياكى خىتاي يېزا نوپۇسىنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنامدۇ، دېگەن سوئال مۈجمەللىكىنى ساقلىماقتا. بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەسلىدىلا كىشىلىك ھوقۇققا پۈتۈنلەي خىلاپ بىر سىياسەتلىكىنى، ئۇنىڭ مەيلى قانداق شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنى ئامال بار چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ھەقىقىي تۈردە ئاز سانلىق قىلىپ قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ پيئەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن «پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلغان ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش ۋە ئۇلارنى قوللاش» نى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت، ئوبلاستقا قاراشلىق يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ماسلاشقان ئائىلىلەرنى ئالاھىدە تەقدىرلەش، ئۇلارنى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

«مەملىكەتلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» دا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى تيەن ۋېن سۆز قىلىپ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئەل رايىنى ئۇتۇش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە رولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مۇھىم نىشان ھەققىدە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىدەك نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزېۋىسكى بولسا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى بىلەن مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ داۋاملىق ھالدا بىرلىكتە تەلەپپۇز قىلىنىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، بۇ ئىككى سۆزنىڭ داۋاملىق بىرگە تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن خاتا سىگنال بېرىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا خۇددى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ شۇنداقلا ھەم ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي نىشانى، دېگەن كۆز قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا 2015-يىلىغا ئائىت نوپۇس ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلىپ، رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 23 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، بىر يىلدا 610 مىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوچۇق ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.