نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ خىتايدا مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي يېقىندا 36 يىلدىن بېرى مەملىكەت مىقياسىدا مەجبۇرىي يولغا قويغان يالغۇز پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يەنى خىتايدا ھازىر بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولالايدۇ.

خىتاي نوپۇس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان ماقالىلىرىدە كۆرسىتىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا قېرىلىشىش نىسبىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇش، جىنسى پەرقىدە ئەرلەر كۆپ، ئاياللار پەۋقۇلئاددە ئاز بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىلىرىنى ئېلىپ كەلدى ۋە بۇنىڭ كۆپ خىل ساھەلەرگە، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئامىلنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 1-دېكابىردا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنى قاتارلىق بەش ئاپپارات بىرلىشىپ 29-نويابىر ئېلان قىلغان «كۈتۈنۈش زاپاس كۆرسەتكۈچى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى نىسبەتەن ئېغىر ئىكەن.

بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر «كەلگۈسىدىكى كۈتۈنۈش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، شۇڭا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈش سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىق قوشۇمچە سۇغۇرتىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش كاپالىتى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، قېرىغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تورىدا 1-دېكابىر خىتاي ستاتىستىكا باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مىسال ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسى ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىز بولۇپ 2020‏-يىلدىن كېيىن خىتايدا «ئۈچ تەس بولۇش» كۆرۈلىدىكەن.

بۇنىڭ بىرى، خىزمەتچى ئىزدەش تەس بولۇش: (ئەمگەك كۈچى ئاز بولۇش)

ھازىر خىتايدا ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپۇسى كەڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2030-يىلىدىن كېيىن زاپاس ئەمگەك كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، ئېغىر ئەمگەك كۈچى كرىزىسى كۆرۈلۈپ خىتايدا ئەمگەك كۈچى كەمچىللىكى 80 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

يەنە بىرى، ئۆيلىنىش تەس بولۇش:

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، خىتايدا قىز-ئوغۇل نىسبىتى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 2020-يىلىدىن كېيىن %10 ياش ئەرلەر جورا تاپالمايدىكەن، قانچە كېيىن تۇغۇلغان بولسا، بۇ ئەھۋال شۇنچە ئېغىر بولىدىكەن.

ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى، نوپۇستا ياشانغانلار نىسبىتى ئەڭ كۆپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەس بولۇش:

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى خىتاي دۇنيا بويىچە ياشانغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، خىتايدا 2020‏-يىلىدىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش بېسىمى گەۋدىلىنىپ چىقىدىكەن ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسى تۈپەيلىدىن ياشانغانلارنى بېقىش كرىزىسى پارتلايدىكەن.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» خىتايدىكى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، «نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەكشى تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تۇغۇت سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئائىلىۋى تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، تۇغۇت سىياسىتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يالغۇز پەرزەنتلىك تۈزۈمىنى ئىككى پەرزەنتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش تەدبىرىنىڭ نەتىجىسىگە خىتاي ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئوخشاش ئۈمىدلىك قارىمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان بولدى. مەغلۇپ بولغان بىر سىياسەتكە تۈزىتىش كىرگۈزگەن بىلەن ئۇمۇ ئوخشاش نەتىجە بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتلەرنى توسۇپ قېلىشقا كېچىكىپ قالدى، خىتايدىكى نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىلىرىنى ئىككى پەرزەنت كۆرۈشكە ئۈندەش بىلەنلا يېقىن كەلگۈسىدە ھەل قىلىپ بولالمايدۇ، ھازىرقى تەدبىرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە 30 يىل كۈتۈش كېرەك، ئەمما بۇ ئارىدا نوپۇس بىخەتەرلىكى ئۇچراۋاتقان تەھدىت ئېغىرلايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇ خاتاسىنىڭ بەدىلىنى خېلى ئۇزۇن مۇددەت تارتىدۇ. شۇنداقلا نوپۇس بىخەتەرلىكى خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا ئەڭ ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلەلەيدىغان جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھە، ھەر تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان نېگىزلىك مەسىلە.

خۇپىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس كرىزىسى ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بولۇپمۇ ئەڭ ئېغىر مەسىلە بولغان نوپۇستا ياشانغانلار نىسبىتى كۆپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا توغرا تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى، ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق كۈتۈنۈشىنى دۆلەت پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

خۇپىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويۇش بىلەن تەڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆپلەپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكىمەكتە، ئەمەلىيەتتە خىتايلارمۇ ئۇ رايونلارغا بېرىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، ئىلگىرى بىڭتۇەن قۇرۇش ئارقىلىق مەجبۇرىي يۆتكىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە سىياسەت ئارقىلىق پۇل ۋە باشقا مەنپەئەت بېرىپ داۋاملىق يۆتكىمەكتە. بەلكىم كۆچمەن خىتايلار تىل، مەدەنىيەت، دىن، ھەر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇلارغا سىڭىشىپ كېتىشى ناتايىن. لېكىن خىتاي نوپۇسى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسنىڭ قۇرۇلمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئومۇمى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ-دە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىر تەرەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇس بېسىمىنى يېنىكلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى نوپۇسى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇقىم تۇتۇپ تۇرالايمەن، دەپ ئويلايدۇ.»

خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي مىقياسىدا ئومۇمىي خەلقنى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئۈندەپ مەخسۇس سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئەكسىچە، ئاز تۇغۇش ئىقتىسادنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق دەپ تەشۋىق قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ يەنە، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەش بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ھەتتا پىلانلىق ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش تەدبىرلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى مەڭگۈلۈك بېسىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.