پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ قايتا كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم

0:00 / 0:00

2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ يېڭى «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» بويىچە «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى پۈتۈن خىتايدا يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەيلى خىتاي ياكى باشقا مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىي ئوخشاش يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن كۆرە،دائىرىلەر رايوندا خىتايلارنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشىنى رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە. ئەمما يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى داۋاملىق تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن. بەزى جايلاردا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، پىلانلىق تۇغۇت ۋە سەھىيە تارماقلىرى بىرلىشىپ «تۆۋەن تۇغۇت سۈپىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ، نوپۇس تىزىملاش، پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلار ئۈچۈن جەرىمانە ئېلىش، جازالاش ۋە تەربىيە ئىشلىرىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرگەنلىكى مەلۇم. ھەتتا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تەشۋىقاتىنى مەسچىتلەردىمۇ قانات يايدۇرماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ خەۋىرى بار بولۇپ، ئۇلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاينىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ 17-ماددىسىدا: «پۇقرالارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقى بار، قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. ئەر-خوتۇننىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار»، 18-ماددىسىدا «دۆلەت ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

يېقىندا رادىئومىزغا ئاقسۇ تەۋەسىدىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئەر ئايال ئىككىسى شەھەر نوپۇسى بولۇپ تۇنجى پەرزەنتى ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئىككىنچى پەرزەنت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئىككى يىلدىن بۇيان تەستىقلىمىغان. داۋاملىق تۈردە ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇشنى تاللىسا مۇكاپات ۋە ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تەربىيە ئىشلەپ قايتۇرۇۋەتكەن، ئىلاجسىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىپ بارغاندا بولسا دائىرىلەر: «نۆۋەتتە قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئىككىنچى پەرزەنت كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئەمما قانۇندا يەنە كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ، دېگەن جايلىرىمۇ بار» دەپ كۆرسىتىپ، يەنىلا رۇخسەت قىلمىغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەھەر نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2-پەرزەنتىنى ئېلىش رۇخسىتىنى كېچىكتۈرۈش ياكى يول قويماسلىق، دېھقانلارنىڭمۇ 3-پەرزەنتلىك بولۇشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈپ، ئاۋۋال تەشۋىقات-تەربىيە قېلىش، كۆنمىگەنلەرگە جازا قوللىنىشتەك بېسىم سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.

دەرۋەقە خىتاينىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنىڭ 27-ماددىسى مۇنداق ئۆزگەرتىلگەن: «دۆلەت ئەر-خوتۇننىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان مەزگىلدە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈر بويى بىرلا پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇنغا دۆلەت ‹يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى›» بېرىدۇ. «‹يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى› ئالغان ئەر-خوتۇن دۆلەت ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.»
قانۇن-نىزام ياكى قائىدىلەردە «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئەر-خوتۇن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەدبىرلەردىن خىزمەت ئورنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىرىنى شۇ ئورۇن ئىجرا قىلىشى كېرەك.

قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىق تەربىيە خىزمىتىنى قىلغان بىر كادىرنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەردىن ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە پەرزەنت كۆرۈش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىچكى ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغان.

ئۇنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، «تۆۋەن تۇغۇت سۈپىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى نىشان قىلىپ ئىش باشلىغان ھەر قايسى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىلىرى ۋە كەنت دائىرىلىرى،پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئېنىقلاش، بولۇپمۇ نوپۇسقا ئولتۇرغۇزمىغانلار ۋە پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرگەن ئوبېكىتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تازىلاپ، ستاتىستىكا ۋە تىزىملىكىنى چىقىرىش ۋەزىپىسىنى بۇ يىل ئاخىرىغىچە تاماملاش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ ئۇلار زىيارىتىمىزنى رەت قىلىپ كەلدى.

ئۇيغۇرلار خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كۆزىتىشى ئاستىدا بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتايغا قارىتا تەنقىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرى يەنىلا كۈچەيتىلىپ يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بارلىق سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى بوغۇشنى مەقسەت قىلغان،ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش ھوقۇقىنى بوغۇشنىڭ ئۆزى ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق، بېسىم بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەر قانداق شەكىلدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئادالەتسىز بىر سىياسەت» دەپ تەنقىد قىلدى.

رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا خىزمەتكە چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ تەمىنلىگەن يازما ئىسپاتلىرىغا قارىغاندا، ھازىرقى سىياسەت بويىچە،سىياسەتكە خىلاپلىق قىلىپ پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرگەنلەرگە قارىتا، ئىجتىمائىي بېقىلىش ھەققىنىڭ 40% ئىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن،ساقچىخانا تەكشۈرۈپ دەلىللەپ نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» غا خىلاپلىق قىلىپ پەرزەنت كۆرگەنلەردىن قانۇنسىز پەرزەنت كۆرگەن ئوبيېكتلارغا يۈرگۈزۈلىدىغان جەرىمانە مۇنداق ئېلىنىدىكەن:

ئارتۇق تۇغۇلغان 1-بالىغا قارىتا جازالاش چارىسى: يەنى: ئاز سانلىق مىللەت يېزا كەنت نوپۇسىنىڭ 4-بالىسى، شەھەر-بازار نوپۇسلىرىنىڭ 3-بالىسى، مەزكۇر يېزىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  1. ئارتۇق تۇغۇلغان 2-بالىغا قارىتا جازالاش چارىسى: يەنى ئاز سانلىق مىللەت يېزا كەنت نوپۇسىنىڭ 5-بالىسى، شەھەر بازار نوپۇسىنىڭ 4-بالىسى، مەزكۇر يېزىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  2. ئارتۇق تۇغۇلغان 3-بالا ياكى 4-بالىغا قارىتا يۇقىرىقى چارىگە ئاساسەن، قېتىم سانى جەملىنىپ «نىزام» دىكى بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ھەسسىلىك سانىغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  3. جامائەت ۋەزىپىسىدىكى خادىملار سالاھىيىتىگە ئىگە ئارتۇق تۇغۇلغانلارغا قارىتا جازالاش چارىسى: شەھەر بازار نوپۇسلىرىغا جەرىمانە قويۇش چارىسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامائەت ۋەزىپە سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
  4. ھازىر ئاللىقاچان ھامىلىدار بولۇپ قالغان پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرىدىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا، سۈنئىي چۈشۈرۈۋېتىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.

بۇ كادىرنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا تەكىتلىنىشىچە يەنە، ئادەتتىكى ئاممىدىن باشقا كادىرلارنىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغان بولۇپ، كەنت كادىرلىرىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قانات ئاستىغا ئالغان، يوشۇرغان ياكى ساختا ئىسپات ۋە جەرىمانە چىقىرىپ بەرگەنلەر قايتا خىزمەتكە ئېلىنمايدىكەن يېزا كادىرلىرىدىن قانات ئاستىغا ئالغان، يوشۇرغان ياكى ساختا ئىسپات ۋە جەرىمانە چىقىرىپ بەرگەنلەر قانۇن-ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن ئىجتىمائىي بېقىلىش راسخوتىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان ئائىلىلەرگە قارىتا، يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئىككى ئورگان مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ، پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرگەن ئوبيېكتلارنىڭ ئىجتىمائىي بېقىلىش راسخوتىنى يىغىش زورايتىلىدىكەن.

پىلانلىق تۇغۇتتا يولغا قويغان يېڭى چارىگە ئاساسەن، پارتىيە ئەزالىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇن-قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ پەرزەنت كۆرگەنلەرگە، ئېغىر جازا بەرگەندىن باشقا، بەش يىل ئىچىدە ئېرىشكەن تۈرلۈك ئىلغارلىق، شەرەپ نام سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن، دۆلەت مەمۇرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا-كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدىكەن بارلىق سىياسىي سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن.
بىر قىسىم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، نوپۇسقا ئالدۇرغۇزمايدىغان، ئەھۋال ئېغىر بولغان ئوبيېكتلارغا قارىتا، مەركەزلىك قانۇنىي ۋاسىتە قوللىنىلىپ قاتتىق جازالىنىدىكەن.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا ھەر قايسى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىپ مەخسۇس تۈزەش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر قايسى، پىلانلىق تۇغۇت، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلار، بىرلىكتە بۇ قېتىملىق مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايونغا ئايرىپ كادىر ھۆددە قىلىپ، قانۇنسىز پەرزەنت كۆرگەن ئوبېكىتلارنى ئېنىقلاش، ئۇزاق مۇددەتلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا يېتەكلەپ، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بۇندىن كىيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ھامىلىدار بولۇش، قانۇنسىز تۇغۇش، قانۇنسىز بېقىۋېلىش قىلمىشى بايقالسا ۋاقتىدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشنى قاتتىق ئىجرا قىلماقتا ئىكەن.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نۇقتا قىلىپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتكەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلاردىن باشقا يەنە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارنى مەسچىتلەردىمۇ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، «خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دىن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا كۈچەيتىشى، قاتتىق باستۇرۇش ۋە بېسىم سىياسىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى تاللىشى، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۆز تۇپرىقىدا ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش» دەپ كۆرسەتتى. دىلشات ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسىتىدە ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ۋە بۇنىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.