يېقىندا «مەركىزى ئاسىيا» تور گېزىتىدە «خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تۇغۇت سانىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە ئومۇمەن ئاھالە سانىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە قانۇننى مۇھاكىمە قىلىۋاتماقتا. بۇ قانۇن بويىچە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ بولمىغاندا بىرى ئائىلىدە يالغۇز بالا بولسا، مۇنداق ئائىلىگە ئىككى بالا تېپىشقا رۇخسەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلماقتا.
مۇنداق قانۇن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، مەملىكەتتىكى نوپۇس سانىنىڭ قوشنا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىغا تەسىرى قانچىلىك بولىدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناسلار كونستانتىن سىرويېژكىن ۋە قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.