د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنى پىڭشياڭدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئانا-بالىلارنى تېزرەك يۇرتىغا قايتۇرۇشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق دۈشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى گۇاڭشى-ۋيېتنام چېگراسىغا جايلاشقان پىڭشياڭ شەھىرىدىكى يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارنى تېزرەك قويۇپ بېرىپ، يۇرتىغا قايتىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 24 ‏- دېكابىر چېگرادا بىر «دىنىي رادىكال» نى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 21 «دىنىي رادىكال» نى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق، رادىئومىز ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پىڭشياڭ يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بىز گۇاڭشىنىڭ ۋيېتنامغا چېگرىداش پىڭشياڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار يەرلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىپ، بۇ شەھەردىكى يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈردۇق. يىغىۋېلىش-قايتۇرۇش پونكىتىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىراق يەرلىك دائىرىلەر ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

يىغىۋېلىش پونكىتىنىڭ خادىم، مەزكۇر يىغىۋېلىش پونكىتىدا بىر قانچە كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارغا ئالاقىدار ھەر قانداق سوئال بولسا ج خ ئورگىنىغا تېلېفون قىلىپ سورۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ شىنجاڭلىقلارنى ج خ ئىدارىسى ئەۋەتكەن، بىزنىڭ بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇردى. بىز ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيمىز، بۇنى ج خ ئىدارىسى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ج خ ئىدارىسىنىڭ دائىرىسىدىكى ئىش. ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق. ئۇلار ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرغان. چۈنكى، ج خ ئىدرىسدا كۆپ، ئورۇن يوق بولغاچقا بىز قاراپ بەرگەن. ئۇلار ئاياللار ۋە بالىلار ئىدىغۇ. جەمئىي 7 ئايال 9 بالا.

ئۇلارغا ج خ ئىدارىسى قارايتتى. بىز پەقەت سەرگەردانلارنى يىغىۋېلىش ئورنى. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. ج خ ئىدارىسىمۇ بىزگە ئۇلارنى ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىدى. ئۇلار ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە يوق. ئۇلار پەقەت بۇ يەردە 2-3 كۈن تۇرغۇزۇلۇپلا ئېلىپ كېتىلدى. بىز پەقەت ئۇلارنى كۈتۈشكىلا مەسئۇل بولدۇق، قالغان ئىشلاردىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە ھەر خىل زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار تارقىلىپ كەلدى. يۇقىرىقى خادىم 7 نەپەر ئايال، 9 بالىنىڭ بۇ ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرى مەزكۇر ئورۇندىكى خۇاڭ فامىلىلىك باشقا بىر خادىم، 9 نەپەر ئايال قالغىنى بالىلار بولۇپ جەمئىي 17-18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 43 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ 19 نەپىرىنى بالىلار تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا بولسا، ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە تېخىمۇ مۈجمەل ئۇچۇرلارنى بەرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي چېگرا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ۋيېتنامغا ئۆتمەكچى بولغان بىر گۇرۇپپا «دىنىي رادىكال» غا پىستىرما قويۇپ، بىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، 21 سىنىڭ قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئايال ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خەۋەردە يەنە، 21 كىشىنىڭ يالغۇز ئەركەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە ياكى بۇ ئەركەك ۋە ئاياللارنىڭ توپلام سانى ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە پىڭشياڭ شەھىرىگە قاراشلىق شياسى بازىرى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن. بىز شياسى بازارلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ئەركەكلەرنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئايال-بالىلارنىڭ قەيەرگە يۆتكەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئاخباراتى «دىنىي رادىكاللار» دەپ ئېلان قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار -بالىلار ئىكەنلىكىگە قانداق چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى سورىدۇق.

لېكىن شياسى ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر سىز راست ئەھۋال ئېنىقلىماقچى بولسىڭىز، سىلەرنىڭ تەشكىل بىر تەكشۈرۈش ئىلتىماسى ئەۋەتىشى كېرەك. بۇ ئىشنىڭ كونكرېت قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بۇ ئىشنى بىز بىر تەرەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا ج خ ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىمىز. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىگە كەلسەك، ئەگەر سىز ئىلتىماس قەغىزى ئەۋەتسىڭىز بىز تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويىمىز، چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلگەن تەقدىردە. بىراق، بىز يەنىلا سىلەرنىڭ مۇددىئايىڭلارغا قارايمىز. قىسقىسى، كونكرېت ئىشقا بىز قارار قىلمايمىز، سىلەر راست ئەھۋال ئىگىلەيمىز دېسەڭلار ج خ ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىڭلار.

لېكىن بىز يەنە، سىزگە ئەھۋالنى ئاشكارىلاش زۆرۈرىيىتى بار يوقلۇقىغا قارايمىز. چۈنكى، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مېنىڭ ئەھۋالنى سىزگە ئاشكارىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. راست ئەھۋال ئىگىلەيمەن دېسىڭىز ج خ ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىڭ.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاياللار بالىلارنىڭ قەيەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا، ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار جىددىي روھىي ياردەمگە موھتاج ئىكەن. ئۇ، دائىرىلەرنى بالىلارغا جىددىي پسىخولوگىيەلىك ياردەم بېرىشكە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرقى مەسىلە نېمە، دېگەندە بۇلارنىڭ ھاياتى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇشىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە تۇرمۇشىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ -ئادىتى بويىچە قانداق ياشاۋاتىدۇ، خىتاي بۇ مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىمايۋاتىدۇ. ئاياللار، بالىلارغا دوختۇرلار روھىي جەھەتتىن ياردەم قىلدىمۇ-قىلمىدىمۇ، بۇ مەسىلىلەرمۇ نامەلۇم. بىر ئىنسان ئېتىپ تاشلانغان بولسا، چوقۇم ئۇ يەردىكى بالىلار روھىي زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا روھىي ياردەم بېرىش كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇ ئىشقا خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز. خەلقئارا ئارىلاشمىسا ئۇلار ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى چەتئەلگە قېچىش دولقۇنىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى بۇ تەۋەككۈلچىلىككە مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېچىشنى خىتاينىڭ شۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان يۇرتىدىن يەنە بىر ياققا نورمال شەكىلدە كۆچمەن تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن پىلانى، نۇرغۇن چىقىم ۋە كەلگۈسىدىكى ئوي-پىلانى بىلەن كۆچىدۇ. دۆلەت ئاتلاپ قېچىش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربان بېرىش كېرەك. يەنى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئائىلىدىن قۇربان بېرىش كېرەك دېمەكتۇر. دېمەك، نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېچىش سەۋەبىنى رايوندىكى چىدىغۇسىز سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ بولسىمۇ، چېگرادىن قېچىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ سىياسىتىدىن كۆرۈشى كېرەك، دەپ قارايمەن.

لېكىن پىڭشياڭ شەھرى دوستلۇق يېزىسىنىڭ بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت مەسئۇل خادىمى، ئۇيغۇرلارغا نىشانلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ھەر قانداق ئۇيغۇرغا «يوشۇرۇن دىنىي رادىكال» مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرغا نورمال مۇئامىلە قىلىنماقتا ئىكەن.

بىراق چەتئەل ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2013‏- يىلى 1‏-مارت «كۈنمىڭ ۋوگزال» ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش كۈچەيگەن. يەرلىك دائىرىلەر ھۆججەت چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆي، دۇكان، ياتاق ئىجارە بەرمەسلىكنى، ئۇيغۇرلارنى كۆرسە دەرھال ئامانلىق پونكىتلىرىغا خەۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلغان.