دائىرىلەر يولغا قويغان تېررورچىلارغا «قاپاق تۈرۈش» تەدبىرى مەسخىرىگە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00


يېقىندا قەشقەرگە قاراشلىق بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېزا ئاھالىسىنى «قاپاق تۈرۈش» ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، تورداشلار ئارىسىدا مەسخىرە ۋە كىنايىگە ئۇچراپلا قالماستىن، ھەتتا خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بىر يىلغا سوزۇلغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورلۇق تەدبىرلىرىنىڭ يەرلىك سولچىل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىقارغان يېڭى تەدبىر - قائىدىلەر بىلەن قوشۇلۇپ ئاللىقاچان خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى ئاممىۋى كۈرەش تۈسىنى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 21 - ئاۋغۇستىكى سانىدا بۇ گېزىتنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى توم فىلىپپىس تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا خەلقىنى تېررورچىلارغا قاپاق تۈرۈش ئارقىلىق زەربە بېرىشكە چاقىردى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇسۇلمانچە كىيىنىشنى چەكلەش، ساقال - بۇرۇت قويماسلىق چەكلىمىلىرىدىن كېيىن يەنە، تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە«قاپاق تۈرۈش» قاتارلىق بىمەنە تەدبىرلەرنىمۇ يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن 60 - 70 - يىللاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى چوڭ كۈرەش قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان نورمال ئىنسانلار بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلىك ھەق - ھوقۇق،قەدرى - قىممەت، تىنچ - خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىدا ئېلان قىلىنغان تېرروچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان «6 خىل قورال» تەركىپىدە توقماق، ئارا، گۈرجەك قاتارلىق دېھقانچىلىق قوراللىرىدىن باشقا يەنە، قاپاق تۈرۈش تەدبىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ،«قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە تېررورچىلارغا قاپاق تۈرۈپ قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ بىر قورالى ھېسابلانسا كېرەك» دېگەن بايانلار بېرىلغان. ماقالىدە يەنە، يېزىلىق ھۆكۈمەت چىقارغان ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىمۇ بايان قىلىنىپ، ئۇقتۇرۇشتا «قاپاق تۈرۈش»نىڭ ئۆرنەكلىرى بېرىلگەن فوتو سۈرەت ۋە قاپاق تۇرۇشنىڭ ئىزاھاتىمۇ بېرىلىپ، يېزىدىكى دېھقانلاردىن «تېررور گۇماندارلىرى» نى كۆرگەندە ئۇلارغا يامان كۆز بىلەن تىكىلىش ئارقىلىق، تېررورچىلاردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىپ، ئاتالمىش «تېررورچىلار»نى قورقۇتۇش،يېتىم قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پۈتكۈل خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش«تېرورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى»دە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «تېرورچىلار» غا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى «كۈرەش قىلىش يىغىنى» شەكلىدە نەچچە مىڭ ئامما قاتناشقان ئوچۇق سوت يىغىنى ئېچىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم ئۇيغۇرلار قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىنلا بۇ خىل «كۈرەش يىغىنى» تۈسىنى ئالغان ئوچۇق سوتلاردا جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈزدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايچە ئاڭلىتىشىدا 22 - ئاۋغۇست كۈنى بېرىلگەن «مەنپەئەت - ھوقۇق: خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ناملىق تېلىۋىزىيە پروگراممىسىدا، خىتايدا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جيا، ۋوئېسېر ۋە سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى تەنقىدىي قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ،«جۇڭگودا نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە يامان قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇ خىل تەشۋىقاتلار زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ» دېدى. خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇرلار ھازىر 2 - دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ كەمسىتىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھازىر دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى پۇقرالار ئارىسىدا ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەندىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن مىللەت بويىچە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىپ، زەربە نىشانى قىلماقتا. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش تەدبىرلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە دۈشمەن پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى.

بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مەسخىرە قىلىپ،«خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قولىدا پىچاق ۋە پالتىدىن باشقا قارشىلىق قوراللىرى بولمىغان ئاتالمىش تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان ساقچى - ئەسكەرلىرى بىلەنمۇ زەربە بېرىشكە ئامالسىز قالدى. مەسىلەن، 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئاتالمىش تېررورچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كالتەك - توقماقلارنى كۆتۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا سېلىپ، ئۇلارنى ئېتىز قىرلىرىدا ئاتالمىش تېررورچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا ئاتلاندۇردى. مانا ھازىر تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە «قاپاق تۈرۈش» تەدبىرىنىمۇ يولغا قويۇپتۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاجايىپ - غارايىپ تەدبىرلەر ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ» دېدى.

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە تەدبىرلىرىنى تەنقىدلەپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىدىغان بۇنداق تۈزۈملەر ئارقىلىق، رايوندا ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇقىم - تىنچ ۋەزىيەتنى پەرپا قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.