قاراماي شەھىرىدە ئۆيى چىقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014.07.21
qaramay-oy-cheqish.jpg ئۆيى چىقىۋېتىلگەن، ئۆي-ماكانسىز قالغان ئۇيغۇرلار. 2014-يىلى 17-ئىيۇل، قاراماي.
RFA/Ehsan

قاراماي شەھىرىدە ئۆيى چېقىلىپ كوچىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى كوچىدىنمۇ قوغلاشقا كەلگەن خىتاي خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغان.

دائىرىلەر 17-ئىيۇل قاراماي شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە يۇرت شەكىللەندۈرۈپ تېرىچىلىك قىلىۋاتقان 10 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەنىدى. نەتىجىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر رامزان ئايلىرىدا بارىدىغان يېرى يوق كوچىدا قالغان ۋە كەلگەن يۇرتىغا كېتىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى.

ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا قاراماي شەھىرىنىڭ غەربىي تاشلىق جىلغىسىدا ئۆيى مەجبۇرى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ماكانسىز قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

بۇ مەجبۇرىي ئۆي چىقىش 7-ئاينىڭ 17-كۈنى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان.

18-چېسلا ئەتىگەندە قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت، قاراماي رايونلۇق ھۆكۈمەت، تەڭرىتاغ يولى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، شەھەر قىياپىتىنى قوغداش ئىدارىسى، تەڭرىتاغ ساقچىخانىسى، شەھەرلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى، قاتناش ساقچى ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان 100دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆيى چېقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى پىيادىلەر يولىنى توسۇپ، شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزدۈڭلار دېگەن باھانە بىلەن ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلاپ ئۆي جابدۇقلىرىنى يۆتكەشكە تەمشەلگەندە، ئۆيسىز قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە شۇ رايوندىكى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولغان، ئۇيغۇرلاردىن ئاياللار، بالىلار خىتاي ساقچىلىرىغا قارشى سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلار بىلەن قارشىلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم سانى كۆپ، ئاياللار بالىلارنىڭ بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە خىتاي ساقچىلىرى كەينىگە چېكىنگەن ۋە نەق مەيداندا تۇتقىن قىلىشقا ئامالسىز قالغان.

ئارقىدىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى قاراماي شەھەردىن 10كىلومېتىرلىق يىراقلىقتىكى رايوندىن بىنا ئۆي كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۇمشاق ۋاستىلار بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان.

ئۇلار كۆرسەتكەن رايوندىكى بىنا ئۆيلەرگە تۆلەيدىغان زاكالەت پۇلى ۋە ئىجارە ھەققى يۇقىرى، توك، سۇ پۇللىرى ئايرىم ئېلىنىدىغان بولۇپ بۇ ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا كىرىم مەنبەسى ئاز بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا ئۆي-ماكانسىز قالغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا مەسىلىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆي-ماكانسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى ۋاقىتلىق ئاشكارا يۇرتىغا قايتۇرۇشقا پېتىنالمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا پەرۋاسىز قارايدىغانلىقى نەق مەيداندا بۇ ئىشلارغا شاھىت بولغان ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

قاراماي شەھەرلىك تەڭرىتاغ ساقچىخانىسى ساقچىلىرىنىڭ غەربىي تاشلىق جىلغىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇزاقتىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆيلەر مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن كۆزىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

بىز بۇ ئەھۋالغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق.

دىلشات رىشىت قاراماي شەھىرىدەك بىر نېفىت شەھىرىدە شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەردىن مەجبۇرى قوغلىنىشنىڭ ئۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىشى دەپ كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە رامزان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆيدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىشى پەقەت قاراماي شەھىرىدىلا ئەمەس شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن شەھەر، ناھىيىلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ خىلدىكى سىياسىتىنى توختىشىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.