12-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدە پاكىستان بىلەن خىتاي «قاراماي خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلدى.
11-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت شەھىرى قاراماي شەھىرىدە باشلانغان پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي كارېدورىنى گۈللەندۈرۈش، كېڭەيتىش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىپ ئىككى دۆلەت ئورتاق بىر مەقسەتكە كېلىپ «قاراماي خىتابنامىسى» نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان.
12-ئاۋغۇست قارامايدا ئېلان قىلىنغان پاكىستان-خىتاي «قاراماي خىتابنامىسى» نىڭ مەزمۇنىنى توغرىسىدا ئىككى دۆلەت مەتبۇئاتلىرى مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلەنگەن ھالدا خەۋەر تارقاتتى.
خىتاينىڭ نوپۇزلۇق تور بەتلىرىدىن بىرى بولغان «خەلق تورى» نىڭ بۇ خىتابنامە ھەققىدىكى خەۋىرىدە: «ئىككى تەرەپ سىياسىي چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاكتىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش،ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»، دېگەدەك مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە پاكىستان ۋەكىللىرىنىڭ 11-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىراق پاكىستاندىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلدىكى «دېيلى تايمېس» گېزىتىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە پاكىستاننىڭ پىلان ۋە ئىسلاھات تەرەققىيات مىنىستىرى ئېھسان ئىقبال «قاراماي خىتابنامىسى» ھەققىدە مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا ئىككى دۆلەت بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئاساسلىقى پاكىستاننىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئومۇمىي سودا سوممىسىنى تىلغا ئالمىغان شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمىگەن.
خەۋەردە،ئىككى تەرەپتىن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا جەمئىي ئۈچ يۈز كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىسى سۇن ۋېيدوڭ ۋە پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماسوئود خالىدنىڭمۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئىسلامئابادتىكى پاكىستان-خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى «قاراماي خىتابنامىسى» غا: «دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا پاكىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قولغا كەلگەن بۈيۈك نەتىجە» دەپ باھا بەرگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىننى بېيجىڭدىكى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلىكتە پىلانلىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك ئىقتىسادشۇناسلاردىن يامادا «قاراماي خىتابنامىسى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيەسىدە گەرچە پاكىستاندەك ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، كۆپرەك پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا بىر خىل ئەندىشە بار. سەۋەبى ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىچكى توقۇنۇش بولۇپ،ۋاقتى كەلگەندە بۇ خىل ماجىرالار خىتاينىڭ مەبلىغىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن»، دەپ قارايمەن.
بىز ئاخىرىدا «قاراماي خىتابنامىسى»ھەققىدە بەزى بىر قاراشلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم ئەپەندىم بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.