خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋا، تۆمۈر ۋە ئۇزۇن يوللۇق قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويغان بەلگىلىمىلەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يولۇچىلارغا مەخسۇس ئامانلىق تەكشۈرۈش ئۆتكىلى تەسىس قىلىشى، ئۇلارغا تېررورلۇق، دىنىي پائالىيەتكە قارشى تەشۋىقات ئوقۇشلۇقلىرىنى تارقىتىشى روشەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىغا خىلاپ ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى 21-ئىيۇل بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر ۋە ئۈرۈمچى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس قاتنىشىدا ئېسىمگە قاراپ بىلەت سېتىش، يولۇچىنىڭ شەخسى ئۇچۇرى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈپ، بىلەتتىكى ئۇچۇر بىلەن يولۇچىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنىڭ بىردەكلىكىگە قاراپ ئاپتوبۇسقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان مەزكۇر بەلگىلىمە بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بەلگىلىمىدە، ئەگەر بىلەتتىكى ئۇچۇر بىلەن يولۇچىنىڭ شەخسى ئۇچۇرى بىردەك بولمىسا، يولۇچى ئاپتوبۇسقا چىقىرىلمايدىكەن.
دائىرىلەر، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس قاتنىشىدا يولۇچىلارنىڭ كىملىكىگە قاراپ بىلەت سېتىشنى 2012-يىلى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى يولۇچىنى ئاپتوبۇسىغا تەكشۈرۈپ چىقىرىش تۈزۈمنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشىدۇر.
بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 23-ماي تېررورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ھەر خىل ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى.
بىراق، دائىرىلەرنىڭ قاتناش ساھەسىدىكى ئامانلىق تەدبىرى بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر يەنە، ئايروپىلان ۋە پويىز قاتنىشىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي يولۇچىلارغا ئايرىم ئامانلىق تەكشۈرۈش ئۆتكىلى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر يولۇچىلار ئامانلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە ئۇلارغا مەجبۇرى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ناملىق تەشۋىقات ئوقۇشلۇقى تارقىتىپ بېرىلمەكتە ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا چىقارغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ روشەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈسى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن بۇ تەشۋىقات ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ خىتايچىسى يوق، پەقەتلا ئۇيغۇرچىسى بار. بۇ ئېتىقادى بار بىر مىللەتكە بولۇپمۇ ھازىرقى رامزان ئېيىدا شىددەت ئاجايىپ چېكىدىن ئاشقان سىياسەت. ئۇنىڭدىن سىرت، پويىزغا چىقىدىغان ئۇيغۇرلار ئالاھىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتىشى كېرەك. بىزنىڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرىمىزغا قارىغاندا بۇ كورلا پويىز ئىستانسىسىدا رەسمىي شۇنداق بولغان. بۇ ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى دەلىلى، دېسەك خاتالاشمايمىز. خىتاينىڭكى، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەيمىز، دەپ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما مىللىتىمىزنىڭ ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۆرپ ئادەتلىرىگە زەربە بېرىشنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتىدۇ.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىغا خاس رايون خاراكتېرلىك بەزى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئالغاندىن باشقا، مەملىكەت خاراكتېرلىك بەزى ئامانلىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان «پۇقرالارنىڭ تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر تۈرى.
خىتاينىڭ «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» دا خىتاي پۇقرالىرىغا تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى قانداق بايقاش، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىش توغرۇلۇق بەزى ئۈگۈتلەر بېرىلگەن. قوللانمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قوللانما ئۇيغۇرلارغا قارشى روشەن قاراتمىلىققا ئىگە.
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىزچىل بۇنىڭغا زىت سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئامانلىق تەدبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ، بۇ خىل كونتروللۇق ئۇششاق ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: خىتاينىڭكى قۇرۇقلۇقتىكى ئاپتوبۇس، پويىز ھەممىسىگە كىملىك تەكشۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى مونوپول ۋە كونترول ئاستىغا ئالماقچى. بۇ ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقان ۋە ئۇياق-بۇياققا خىزمەت ئۈچۈن سەپەر قىلىدىغانلارغا بەك تەسىر قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما يېزىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە، بولۇپمۇ بىر كۈندە 2-3 قېتىم شەھەرگە قاتنايدىغان ياكى ئۇ شەھەردىن بۇ شەھەرگە مال ئاپىرىپ ساتىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە بۇ قۇلايسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. يەنى بىزنىڭ بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تىجارىتى ۋە ئىش-ئوقىتىگە ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 22-ماي ئۈرۈمچى«ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن، ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيتكەن ئىدى.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى مەقسەتلىك ھالدا مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى تېررورلۇققا بۇراپ، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقنىڭ يۆلىنىشىنى بۇرىغان.
نۇرمەمەت مۇساباي، ئەگەر خىتاي تىنچلىق ئەمىنلىك تەلەپ قىلسا ئۇيغۇر باستۇرۇشنى توختىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، بولمىسا شەرقىي تۈركىستاندا ھەرگىز مۇقىملىق بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك مۇستەقىللىق يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي تىنچلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاق جەمئىيەتتە ياشايمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىشىشى كېرەك. ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ گراژدانى، دەپ خىتايغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرغا ئايرىمىچىلىك سىياسەت قوللانماسلىقى كېرەك. ئەڭ بولمىغاندا ئۆزى چىقارغان قانۇنىغا بولسىمۇ ھۆرمەت قىلغاندا تىنچلىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر خىتاي بىرگە ياشايمەن دېسە، كەمسىتىش سىياسىتىنى يوق قىلىپ، قانۇندا خىتاي پۇقرالىرىغا نېمە بەرگەن بولسا، ئۇيغۇرلارغا شۇنى بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، 1955-يىلى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغان ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي كىملىكىنى قوغداشنى ھۆرمەت قىلىشى، ئىجرا قىلىشى لازىم. ئەڭ ئەقەللىيسى بۇنى ئىجرا قىلسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى قالايمىقانچىلىقمۇ تۈگەيدۇ. خىتاي بىر مەزگىل راھەت ياشايدۇ. بولمىسا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. چۈنكى ئاپتونومىيىدىن 55 يىل زىيان تارتتى. ئەمدى ئۇيغۇرلار ئويلىشىشى كېرەك، بىزنىڭ 55 يىل ئاپتونومىيە، دەپ ياشىدۇق بۇ يالغانچى بىلەن، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزغا قايتىمىز، دەپ 1949-يىلدىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلارغا چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسىدە يەنە، سالاھىيەت كىملىكى يوق ياكى كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغان يولۇچىلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ئورگانلىرىدىن ئىسپات ئېلىپ كېلىشى تەلەپ قىلىنغان. كىملىكى يوق، بىراق خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى «نۇقتىلىق كىشىلەر» ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ يول خېتىگە ئىلتىماس قىلسا، ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارغا يول-خېتى بېرىش-بەرمەسلىكى يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تەلەپ قىلسا، ساقچى ئورگانلىرىنىڭ سەپەر قىلىشنى تەلەپ قىلىپ يول خېتى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا يول -خېتى بېرىش-بەرمەسلىك يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.