چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئورگانلار ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئاممىغا ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىپ، ئۆلۈمگە سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچلاندۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى. ئەمما يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش» دەيدىغان قارارنامىنى ماقۇللاپ، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇننى ئىجرا قىلىش نامى ئاستىدا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان قانۇنچىلىق تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى مەخسۇس قارارنى تەستىقلىغان. بۇ قارارنامىنىڭ ئىسمى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالار ھەيئىتىنىڭ ئاساسىي قانۇننى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قانۇنغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش بەلگىلىمىسى» دەپ ئاتالغان. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئەسقەر تۇرسۇن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، بىزنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن بولغان كۈرەشلىرىمىزدە مۇرەسسەگە قەتئىي يەر يوق. بىز چوقۇم قانۇننى قورال قىلىپ تۇرۇپ، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك، دەپ سۆز قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قارارنامە 6 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا زوراۋانچى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاش، دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، قۇتراتقۇلۇق جىنايەتلىرىگە ۋە سۆز-چۆچەك تارقاتقۇچىلارنى قاتتىق جازالاشتىن ئىبارەت. مەزكۇر قارارنامىدە يەنە ھەرقايسى ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، ۋەقەنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ھەرقايسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تېررورچى زوراۋان ئۇنسۇرلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قولغا ئېلىشى، سوتلىشى ۋە ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھۆكۈم چىقىرىشى، بولۇپمۇ تېررورچى، زوراۋان گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ۋە تايانچ ئەزالىرىنى قىلچىمۇ رەھىم قىلماي، دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر قارار ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى شەھەرلىك، ناھىيىلىك، يېزىلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قارارنامىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر قارارنامىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر ئورگانلىقىنى بىلدۈردى.
مارالبېشىدا يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا، پىچاندا يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋە خوتەن يۈز بەرگەن خانئېرىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ۋەقەلىرى دەپ ئېلان قىلغان ۋە ھەتتا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار بولسا، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلىپ، ۋەقەنىڭ رايوندىكى زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاينىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشقان ئىدى. بۇ باياناتلاردا نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مەسىلە بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولىدا قورال بولمىغان كىشىلەرگە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىقى ۋە بىھۇدە ھالدا ئۆلۈمگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قاتتىق قوللۇقلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارنامىنى ئېلان قىلىش ۋە ئۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇشىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار ھەممىسى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زوراۋان تېررورچى دەپ ئىلگىرى سۈرگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا ۋە ھۆرمەت قىلىشقا، مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەيدىغان تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.