دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا ھەر يىلى 15-ئىيۇننى خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى تەرىقىسىدە خاتىرىلەش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغان ھەمدە چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەشكە چاقىرغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غۇجامبەردى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئانا تىلنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئىلىدا «قوش تىل مائارىپى» نامىدا ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.