مەلۇمكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن ۋەزىيەت، يەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلار ئېلان قىلىنماقتا.
شۇلارنىڭ بىرى 21-ئۆكتەبىردە لىتۋانىڭ «كۇريېر» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي لاگېرلىرى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى دىنىي، مىللىي، مەدەنىي جەھەتلەردىن تەقىب قىلىۋاتقان ئىكەن. خىتاي تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا، يەنى ئاتالمىش «كەسىپ ئىگىلەش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەركەزلىرىدە «ئەسەبىيلىك تەسىرى» ئاستىدىكى كىشىلەرنى پسىخىك ۋە ئىدىيە جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتىكەن.
ئومۇمەن، ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەنگەن بۈگۈنكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى»، يەنى يېقىندا خىتاي ئويلاپ چىقارغان «كەسىپ ئىگىلەش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەركەزلىرىدە ئورۇن ئېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى بىئارام قىلماقتا. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىبلەش سىياسىتىگە پۈتۈنلەي قارشى ئىكەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قانداشلىرىغا كۆرسىتىلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ھەر خىل مەزمۇندىكى ۋە شەكىلدىكى ئەمەلىي ئىشلارنىمۇ يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، بىز ئۆتكەندە روزا ئېيىدا 190 دۆلەتكە ئىلتىماس يازغان ئىدۇق. بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدە جازا لاگېرلىرىدا بىگۇناھ خەلقىمىزنى يىغىۋېلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى قولدىن كەلگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ دەپ خەت يېزىپ، ئەۋەتتۇق. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار كېيىنكى ۋاقىتتا بۇنىڭغا بىپەرۋا ئەمەس. ھەر بىرىمىز قولىمىزدىن كېلىۋاتقان ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. بىز سالىھ خۇدايارنىڭ ئىمزا توپلىشىغا ئۆزىمىزنىڭ ھەسسىسىنى قوشقىنىمىزنى دېيەلەيمىز. ياشلار، خانىم-قىزلار يېزا-يېزىلارغا بېرىپ، يول-يورۇق كۆرسىتىپ، ئىمزا سانىنى 100 مىڭدىن ئاشۇرۇشقا ھەسسىسىنى قوشتى.»
تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى يېپىشتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت بىرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى يېپىشقا قارىتىلغان ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ياشلاردىن دىلمۇراتقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتسام، خەلقنى كۆپى بىزنى كۈتكەن ئىكەن. ئەمما قاتناشساق بولاتتى دېگەن بىلەن ئىمزا قويالمايدىغان ھالەتتە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خەلقتىن ئىسىملىرىنى ئېلىۋېلىپ، لاتىنچىغا ئايلاندۇرۇپ، ماڭغۇزدۇق. كومپيۇتېرنى ياخشى بىلىدىغان ياش بالىلاردىن، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئالمۇتادا 5-6 گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا ئەۋەتتى. بىر ئادەمنىڭ ئىمزاسىنى قويۇش ئۈچۈن كەم دېگەندە 10 مىنۇت كېتىدۇ. ئەمدى ئادەملەر مىڭلاپ-مىڭلاپ بولغانلىقتىن، ياشلىرىمىز كېچە-كۈندۈز ئىشلىدى. بىز بۇ ئىشنى دەسلەپتىلا باشلىغان بولساق، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولاتتى. خەلق كۆپ بولدى.»
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسىگە قاراشلىق بېساغاش يېزىسىدا ياشاۋاتقان تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەھمۇدوف ئەپەندى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ خېلى شالاڭلىشىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزمۇ شۇنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋەتەنگە كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىمىز تېگەمدېكىن دەپ، ئىمزا توپلاشقا قاتناشتۇق. ئەمدى بىزنىڭ شارائىتىمىزدا مىللەت ئۈچۈن ھازىرقى دەۋردە خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە ¬- مائارىپنى ساقلاپ قېلىش. مائارىپ بولمىسا، مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ.»
ئابدۇخالىق ماخمۇدوف ھازىر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق يېزا ۋە شەھەرلىرىدە مىللىي مائارىپنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر دىيارىدىكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كۆپلىگەن باشقىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئۆزىنىمۇ چوڭقۇر ئويلارغا، ئەندىشىلەرگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىز يېتىلىپ چىققان ئىدى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقان. ئۇلار چوڭ ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇنىڭ ئىزىنىڭ قالمايۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېچىنىشلىق. شەخسەن يالقۇن روزى، غەيرەتجان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن بولسۇن، ئۇلاردا ھېچ قانداق نىيەتنى بايقىمىغان ئىدىم.»
ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت شۇنداقلا داۋام قىلىۋەرسە، بۇنىڭ پاجىئەلىك ئاياغلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە تىل، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى، مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى چەكلىمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۇلايمان دەمىرەل نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانداشلىرىنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرى، جازا لاگېرلىرىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ قاتارىدا داڭلىق يازغۇچى-شائىرلار، سەنئەتكارلار، ئالىملارنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاڭلىدۇق. 2008-يىلى بېيجىڭغا بىر توپ ئالىملار بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بارغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ نەقەدەر چوڭ ئالىملىقى، كىچىك پېئىللىقلىقى، كەڭ قوساقلىقلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدىم. ئۇلار ھەقىقىي ئالىملار بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ پەخرى ئىدى. خىتاي ھازىر خەلقىمىزنى خىتايلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىرىنچى نۆۋەتتە ئالىملارنى، يازغۇچىلارنى ۋە باشقىلارنى يوقاتسا، خەلقنىڭمۇ يوقايدىغانلىقىنى بىلىدۇ».
دىلنۇر قاسىموۋا ئۆز كەسىپداشلىرى نامىدىن پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تېز ئارىدا يېپىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئە مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى 19-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرىدە چوڭ نامايىش ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. بۇ سەككىز مىڭ كىشى قاتناشقان شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ نامايىشلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى جاي-جايلاردا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتۈپ، پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار 40 كۈن ماتەم تۇتقان ئىدى.
0:00 / 0:00