ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلماقتا

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلمەكتە. يېقىندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلىرىدە يالغۇز كىشىلىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى يېپىشى تەلەپ قىلىنماقتا.

26-دېكابىردا رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» ھەپتىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاندا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىدىكى تىنچۇرىن باغچىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمانلارنى قوللاش بويىچە نامايىش بولۇپ ئۆتكەن. نامايىش قاتناشقۇچىلىرى «تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ تۇتقۇنلىرىغا ئازادلىق»، «تاتارلار! بىزنىڭ قانداش قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى قوغداشقا ئاتلىنايلى»، «ئامېرىكا، رۇسىيە، بۈيۈك برىتانىيە، فىرانسىيە! سىلەرنىڭ خىتايدىكى قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنگە ئوخشاش ۋاراقلارنى كۆتۈرۈپ چىققان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى «پۈتكۈل تاتارلارنىڭ جەمئىيەتلىك مەركىزى» خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىرغىنچىلىقى توغرىلىق بىلدۈرۈش تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ۋە تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر مەركەز بۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

قازاقىستاندىكى قازاقلارنىڭ «ئاتاجۇرت» ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى يېپىشنى تەلەپ قىلىش بويىچە كۆپلىگەن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. يېقىندا «ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان نۇرتاي لاخانئۇلىنىڭ «خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى سۇنغان ئۆتۈنۈشىنى قوبۇل قىلمىدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئېل-ئامانات» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسىغا كېلىپ، ئۆتۈنۈش تاپشۇرماقچى بولغان. ئۇلار بۇ ئۆتۈنۈشتە ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كەلگەن 26 ئادەمنىڭ نامىدا لاگېرلاردىكى تۇغقانلىرىنى بوشىتىشنى ۋە قازاقلارنى تەقىب قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما كونسۇلخانا ۋەكىللىرى بۇ ئۆتۈنۈشنى قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلمىغان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان ھىندونېزىيە، پەلەستىن، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا، خىتاينىڭ مىللىي، دىنىي، باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى يېپىشنى تەلەپ قىلىش بويىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل مەزمۇندىكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق بىر جىددىي پەيتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارىتا قانداق قارشىلىقلارنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ؟

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى يېقىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىشقا چىقىش ھەققىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتۈنۈش يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىلتىماسى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن كېيىڭە قالدۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى ھەر خىل پائالىيەتلىرىدە، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تورلاردا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچەيمەكتىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ياۋروپادا ئۆتكەن پائالىيەتلەر ھەمدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ياپقۇزۇش بويىچە ھەرىكەتلەرنىڭ تەپسىلاتى يەتكۈزۈلدى. ۋەزىيەت بۇرۇنقىدەك ئەمەس. ھازىر ئويغىنىشنىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىق. ئەمما مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىزگە بېسىم بار.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرنىڭمۇ ئويغانغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئالمۇتادىكى سېرىكجان بىلەش رەھبەرلىكىدىكى «ئاتاجۇرت» ياشلار تەشكىلاتىنىڭ، قىرغىزىستاندىكى، رۇسىيەدىكى بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ئېنىق بىر ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ تەسىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەھرىمان غوجامبەردى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ قېلىپلاشقان ۋەزىيەتكە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا خىتاي بىلەن چېگرا يېقىن بولغانلىقتىن رەسمىي مەلۇماتلاردىن باشقا ۋەتەنگە بېرىپ كېلىۋاتقانلاردىنمۇ ئۇچۇرلار كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى خەلقلەر ۋەتەندىكى ۋەقەلەر توغرىلىق پات-پات سۆزلەيدىغان بولدى. بىزمۇ بۇ ھەقتە ھەر خىل پائالىيەتلەردە خەلققە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلە ئۇ ياقتىكى ئانىلارنىڭ ئەھۋالى. دۆلەتلەردە نامايىشلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بىزدىمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت بېرىلمىسە، ئۇنىڭغا چىقالمايمىز. ئەلۋەتتە، بىز يىغىنچاق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت رۇخسەت بېرىدۇ.»

ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان دىنىي زات سەدىردىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن يېقىن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا سۈكۈت قىلىشىدا بىر قانچە سەۋەبلەر مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى پىكىر جەھەتتىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. يەنە بىرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ. يەنە بىرلىرى بولسا، مۇنداق ئىشلار ئۆز بېشىغا كېلىپ باقمىغاچقا، سەكرەپ تۇرۇپ ياردەم قىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.»

سەدىردىن ھاجىمنىڭ پىكرىچە، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش كۆتۈرۈلۈشى كېرەك ئىكەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت ئۇنداق بولمىغان. سەدىردىن ھاجىم شۇنداق بولسىمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى بىرلىشىپ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.