خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-قېتىملىق قۇرۇلتىيى بىشكەكتە باشلاندى

0:00 / 0:00

خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە باشلاندى. قۇرۇلتايغا 120گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

«بىزنىڭ تىل-يېزىقىمىز، بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز، بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز» دېگەن تېما بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يوھان لارىستون شۇنچە كۆپ يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشقان بۇنداق چوڭ تىپتىكى يىغىلىشنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، قۇرۇلتاينىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشقانلار ئىچىدە ئۇكرائىنالىق ئاتاقلىق يازغۇچى ئاندىرى كوركوف، ئارگېنتىنالىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان كارلوس گامېررو ھەمدە قازاقىستانلىق ئاتاقلىق شائىر ئولجاس سۇلايمانوفلار بار.

خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئەزالىرىدىن قەيسەر ئابدۇرۇسۇل، سۈيۈنگۈل جانىشىف خانىملارمۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈيۈنگۈل جانىشىف خانىم ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ھەققىدە توختالدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسى 1921-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان، نۆۋەتتە بۇ بىرلەشمىنىڭ دۇنيادىكى 120 نەچچە دۆلەتتە 141 شۆبىسى بولۇپ، ئومۇمى ئەزالىرىنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇ، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن- مائارىپ كومىتېتى ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.