6-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» بۇ يىل 2-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ يىغىندا بۇ يىل ئۇيغۇر خەلقى، دىنى، تىل-يېزىق، مىللىي مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر توغرىسىدا بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى دەپ نام بېرىلگەن.
ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئوسمان ئاشقىنباق، زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى ئۇفۇق سېچىلمىش، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان ئاشقىنباق سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى ئۇپۇق سەچىلمىش ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيادا ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلار يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 10 غا يېقىن دۆلەتتىن دىنى ئالىملار، ئۇيغۇر زىيالىيلار، جەمئىيەت رەھبەرلىرى، يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسىرى شەھىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقئارالىق قانۇنشۇناس ئادۋوكاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور نېجاتى جەيلان، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىس ئەزاسى ئۇيغۇر دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە رەھبەرلەر سۆز قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى غا قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە بۇ يىغىننى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بارلىق مېھمانلارغا جەمئىيەت نامىدا تەشەككۈر ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، «شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم-ئىسكەنجە ۋە قەتلىئاملار» ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ يىل 28-ئىيۇل كۈنى قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسى ئېلىقۇش ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەھشىي قەتلىئاملارنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ ۋەقەلەردە شېھىت بولغان قېرىنداشلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بىرى شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ھەر كۈنى تېخىمۇ ۋەھشىلەشكەن ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈردى.
كېيىن زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەر خىل بېسىم ۋە زۇلۇملارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر كىم ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلىنىپ، توغرا قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا ساۋۇت، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىلەر بۇ يىغىن توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرى ۋە تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.
كېيىن ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئانا تىل يەسلى ئۆسمۈرلىرى نومۇر كۆرسەتتى. يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى، مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان رەسىملەر قويۇلغان.
يىغىن ئاخىرىدا تاماق زىياپىتى بېرىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.