تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى يىغىنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

5-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 23-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە تۈركىيەنىڭ دۈزجە شەھىرىدە 5 كۈن داۋام قىلغاندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 110 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدا 10 ۋەكىل سەھنىگە چىقىپ يىغىننىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئىسلامىي ئىسلاھات ھەققىدە مۇنداق دېدى:
‏-خەلقىمىز 1000 يىللاردىن بېرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاك ۋە ساپ ئەقىدىسى بىلەن دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەم دىن دۈشمەنلىرى، ھەم بەزىبىر تەنتەكلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن دۇنيادا بازار تاپالمىغان بەزىبىر پۇچەك ۋە ئازغۇن ئېقىملارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزنى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىلىمسىز قويۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە بېسىملىرىدۇر. شۇنچە يىللىق بېسىم سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز دىنىي ئىلىمدىن مەھرۇم قالدى، نۇرغۇنلىرى ئىسلام دىنىنى خاتا ياكى چالا-پۇچۇق ئۆگىنىپ، تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالدى. بولۇپمۇ، بەزىبىر گاڭگىراپ قالغان، ئۈمىدىنى يوقاتقان ياشلىرىمىز بۇنداق ئازغۇن مەزھەپ ياكى تەرىقەتلەرگە ئەزا بولۇپ، ھەم دىنىي ئەقىدىدە خاتالاشتى، ھەم خىتاي تەرىپىدىن سىياسىي قىسماققا ئېلىندى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان دوكلاتىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ھەققىدىكى قىسمىدا تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلىدى:
‏-خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە مىللىي، دىنىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، مائارىپ، قىسقىسى ھەممە تەرەپتىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم-سىتەملىك سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن تۇغۇتنى چەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۈنىگە مىڭلارچە خىتاي كۆچمەننى ۋەتىنىمىزگە كۆچۈرۈپ چىقىرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. بۇ مەسىلە شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، خىتايلار تەپ تارتماستىن ۋەتىنىمىزنى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى دەپ قارايدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلدى. خەلقىمىزگە خىزمەت يوق، ئەركىن تىجارەت يوق، يەنى خەلق ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ قىسماققا ئېلىندى. پىكرىي ئەركىنلىك يوق، مەتبۇئات ئەركىنلىكى تېخىمۇ يوق. شۇڭا ۋەتەندىكىلەرمۇ ۋەتەننىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا ۋە تولۇق خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ. يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتىدۇ، كۆچمەن مەسىلىسى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىنورماللىقى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋەتىنىمىز ياشىغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇلۇۋاتىدۇ. خىتايلار ۋەتىنىمىزگە ئازغىنە مەبلەغ سېلىپ، تەرەققىي قىلدۇرغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرىتىنى بېسىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇمىنى تارىختىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە. شۇڭا سىياسىي ئىسلاھات ھەققىدە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ:

1) بىرلىك-باراۋەرلىكنى كۈچەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن بۇرۇن ئىدېئولوگىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئېنىق يول خەرىتىسىنىڭ سىزىلىپ بولۇشى شەرت. مانا بۇ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك سىياسىي خىزمەتلەردىن بىرى.
2) بۇ مۇجادىلە ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسى 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك ئاساسلىرىدىن كەلگەن بولغاچقا، بىز بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغىنىمىزمۇ مۇشۇلارنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال ئىدېئولوگىيە بولۇشى لازىم.
3) باشقىلار يېزىپ بەرگەن سېنارىيەلەر بىزنىڭ سەھنىلەردە ئوينالماسلىقى ۋە بىز ئۇ سېنارىيەنىڭ ئارتىسلىرى بولۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.
4) ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن بولغان بىۋاسىتە مۇناسىۋىتىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى كېرەك.
5) ئارىمىزدىكى پىكىر ياكى چۈشەنچە ئايرىمىچىلىقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، دىئالوگ ئارقىلىق بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىق قىلىشىمىز ۋە ئاساسلىق غايە ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشىمىز لازىم. مەيلى قانداقلا كۆز قاراشقا ئىگە بولسا بولسۇن، مىللىي داۋامىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، جان پىدالىق بىلەن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا تىرىشىۋاتقان ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا تىل تەگكۈزمەسلىك، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك، ھاقارەتلىمەسلىك، چەتكە قاقماسلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرئانى كەرىمىنىڭ: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا باشقىلارنى ھېكمەت ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن چاقىرىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشىمىز لازىم.
6) ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىر تەرەپتىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشسەك، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب ئەللىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى، ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزمۇ مۇھىم.
7) شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن مۇھىم جۇغراپىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم شەرت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز ۋە چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم.
8) ھەرخىل ساھەدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش، مائارىپ، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ھەر ساھەدە يېتىشكەن ئىختىساس ئىگىلىرىگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ، سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇن، خەلقئارا سىياسەت، تارىخ قاتارلىق پەنلەردە كۆپلەپ ئالىم يېتىشىپ چىقىشى لازىم.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەشكىلىي ئىسلاھات توغرىسىدا مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى:

ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشكىلات قۇرۇپ، ۋەتەن مۇجادىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى تەشكىلاتلاردىن ناھايىتى چوڭ ئۈمىد كۈتۈۋاتماقتا. ھالبۇكى، سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمىز قانداق قىلغاندا ھەم ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتكە كېلەلەيدىغانلىقى، ھەم ۋەتەن داۋاسى يولىدىكى خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالەتكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تېزدىن چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىش ۋە بۇنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كەلمەكتە.
مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تەشكىلىي ئىسلاھات» دەرسلىرى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىن:

1) ئۇلۇغۋار غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن، بارلىق كۈچىمىزنى شۇ غايىمىزگە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز ۋە باشقا پۇچەك ئىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىز كېرەك.
2) تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ساپلاشتۇرۇش، غوللۇق خادىملارنى خىزمەتكە سەپلەش، خادىملارنى كەسپىيلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى كەشىپ قىلىش، شۇنىڭغا قارىتا تەربىيىلەش ۋە خىزمەت تەقسىم قىلىش لازىم.
3) كېلىپ چىقىشى ياكى ئىدارە قىلغۇچىلىرىنىڭ كىملىكى نامەلۇم جەمئىيەتلەرنىڭ ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىشىگە يول قويماسلىق لازىم.
4) تەشكىلاتلىرىمىزنى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلدىماي، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ۋە خەلقئارادا ۋەزىيەت شەكىللەندۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
5) ھەرقايسى دۆلەتتىكى پارتىيەلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا داۋامىز ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.
6) ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە جامائەت پىكرى توپلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىش ۋە بۇ ھۆكۈمەت ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.
7) ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە باشقا تىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە داۋاسىنى تونۇشتۇرىدىغان كۆپلەپ كىتاب-ژۇرنال، گېزىت-ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشىمىز لازىم.

ئۇ ئاخىرىدا سۆزىنى خۇلاسىلەپ شۇنداق دېدى:
‏-ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەھۋالىمىز بەك جىددىي، بەك خەتەرلىك پەيتتە تۇرماقتا. خەلقىمىز بىزدىن بەكمۇ چوڭ ئۈمىد كۈتمەكتە، قىلىدىغان خىزمەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ، بىزنى ساقلاۋاتماقتا. داۋانىڭ كۈنسېرى ئۇلغىيىشىنىڭ ئەكسىچە، داۋاغا ھەمكارلىشىدىغان، داۋانى ئۈستىگە ئالىدىغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاجىزلاپ، سەپلىرىمىز شالاڭلاپ قېلىۋاتماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان قېرىنداشلاردىن باشلاپ شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى، بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئاڭلىغان دەرسلىرىمىز، قىلغان مۇزاكىرىلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىمىزنى سىلكىۋېتىپ، مۇشۇ دەرسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆز ئىچىمىزدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىشىمىز، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىمىزنى تەربىيىلىشىمىز، ۋەتەن ۋە خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇجادىلىسى ئۈچۈن ھەسسىلەپ تۆھپە قوشۇشقا ئاتلىنىشىمىز، سەپنىڭ ئالدىدا مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان زىيالىي، ئالىم-ئۆلىمالاردىن بولۇشىمىز كېرەك.