قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىسىنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ پانۇس بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقى مەلۇم.
قەشقەر شەھەر تورىنىڭ تەشۋىقات مۇنبىرىگە قويۇلغان رەسىملەردە قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە كىيىنىپ چاڭچىلە ئېيتىۋاتقان، يۆبىڭ يەنى ئايتوقاچ يەۋاتقان، خىتايلار بىلەن بىللە پىۋا ئىچىۋاتقان، ئۆيلىرىگە پانۇس ئاسقان ياكى خىتايچە مۇزىكىغا ياڭگېر ئۇسسۇلى ئوينىغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

چەرچەن ناھىيەسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز - ئارا تويلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي مۇھىتى ئەڭ قويۇق بولغان قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنى جىددىي ئويلاندۇرماقتا.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيەسىگە قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ، قەشقەرنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ھەر بىر كوچىسىدا، بازار - رەستىلىرىدە، مەسچىت - مەدرىسلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ سىڭگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە قەشقەر شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىش ۋە مەدەنىيەتتىكى ياتلىشىشنىڭ باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكەن بالىلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن ھازىرقى قەشقەرنىڭ ئۆزگىرىش ئىچىدىكى ئوبرازىنى سېلىشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان بىر خىل يوقىتىش ھېسسىياتىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئاسسمىلىياتسىيەنى مەقسەت قىلغان خىتايچە بايرام ۋە ئادەتلەرنى ئۇيغۇر خەلقىگە مەجبۇرىي تېڭىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چەرچەندە سەھنىگە چىقارغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى تويلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى بىلەن قەشقەر قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا جىددىي تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت ئاسسىمىلىياتسىيەسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە خىتايلار چوت سوققاندەك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.