خىتاي قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلۇشنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا 2010 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قورغاس ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشىغا قايتىدىن مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلىپ، يېڭىدىن بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چىقاردى. ئەمما رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشنىڭ مەۋجۇت شارائىتلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق مەزكۇر ئىككى رايوندا زامانىۋى ئىقتىسادىي بەلۋاغ شەكىللەندۈرۈشنى ھەم ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشنى نىشان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۇلار، بۇ پىلان رامكىسى ئىچىدە قەشقەر ۋە قورغاستا ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدىكى تەشۋىقاتلىرىدا قەشقەرنى خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش پىلانىنى بىر مەھەل قاتتىق تەشۋىق قىلىپ، بىر قاتار مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنى يولغا قويۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئەمەلىي نەتىجە كۆرۈلمىگەن.

ئەمما بۈگۈن، خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا بېرىلگەن بىر خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت سەيشەنبە كۈنى يېڭى بىر سىياسەت چىقىرىپ، بۇ ئىككى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنى قايتا باشلىغان. شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان يېڭى سىياسەتكە ئاساسەن، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرىنىڭ مەمۇرىيەت، مالىيە، باج، يەر ئىشلىتىش، سانائەت ۋە ئىختىساسلىق خادىملارغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىدە بىر قاتار يېڭى تەڭشەشلەر ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ ئىككى رايوننىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش قارار قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بۇ ئىككى رايوندا باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ باشقۇرۇش كومىتېتلىرىغا مەزكۇر رايوندىكى بۆلۈملەرنى باشقۇرۇش ۋە ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋە باجدا ئېتىبار بېرىش، پەن - تېخنىكا، تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ ياردىمى قىلىش قارار قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، دەسلەپكى باشلىنىش يىلى ھېسابلىنىدىغان 2012 - 2021 - يىللىرى ئارىسىدا بۇ ئىككى رايوندىكى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىقتىسادىي رايوندىن كىرگەن كىرىمنى ئىقتىسادىي رايوننىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كارخانا تەرەققىياتىنى يۆلەش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ، دېيىلگەن.

شىنخۇا بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاساسىي قۇرۇلۇشتىكى مالىيە قىيىنچىلىقى ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، ئەمما بۇ يېڭى يولغا قويۇلغان سىياسەت ئارقىلىق قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلغان.

ئەمما رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، 2010 - يىلى قەشقەر ۋە قورغاستا ئىككى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىلا بۇ ئىككى قۇرۇلۇشنىڭ، بولۇپمۇ قەشقەردە خەلقئارالىق زامانىۋى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋجۇت شارائىتلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ پىلاننىڭ ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى قانداق قۇرىدىغانلىقى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇنىڭدىن زادى قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدەك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاب بولالايدىغان ھېچقانداق كونكرېت سىياسەت ۋە پىلان كۆرسىتەلمەسلىكى پىلانغا قارىتا قاتتىق گۇمان قوزغىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەرنىڭ ئەسلىدىلا ئادەم زىچ، سۇ ۋە يەر قىس بولۇشتەك تەبىئىي شارائىتىنىڭمۇ بۇ خىل ئىقتىسادىي رايونغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى مۇتەخەسسىسلەر ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان بىر مەسىلە. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 4 يىل بويىچە ھېچقانداق نەتىجە چىقىرالماسلىقىغا قارىماي، بۇ سىياسەتنى قايتىدىن تەڭشەپ، قايتىدىن يولغا قويماقچى بولۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلغانلىقىنى، قارارنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا تورىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت يولغا قويۇلغان يېڭى سىياسەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى رايونغا ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلپ قىلىشنى ئاساس قىلىدىكەن.

بۇمۇ كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلەپ كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىش، ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، بۇ ئارقىلىق رايوننى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئەمما ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت، دىن، تىل، تارىخ، سىياسەت ۋە باشقا ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي رايونلار ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش، كۆچمەن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.