يېقىندا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە «چېگرا قوغدىغۇچى» لىق ۋەزىپىسىگە سېلىنىۋاتقان قىرغىز مالچىلار ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات فىلىمى ئىشلىگەن.
ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزا سۇبېشى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قىرغىز مالچى مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەن شۇ يەردىكى خىتاي چېگرا قوغداش پونكىتىغا «كۆز-قۇلاق» سۈپىتىدە ياللانغان قىرغىز مالچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرى قىرغىز مالچى مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەننى مۇزقۇرۇن چېگرا ئېغىزىدىكى «پامىر بۈركۈتى» دەپ تەشۋىق قىلغان.
قىرغىز مالچى مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەن ئۆزىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان قوشۇمچە «چېگرا قوغدىغۇچى» ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 31-مارت كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ليۇ خۇيجۈن بىلەن ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرخان قىرغىز مالچىلىرىغا «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چېگرادىكى «ھەر بىر قىرغىزنىڭ كىگىز ئۆينى بىردىن قاراۋۇلخانىغا، ھەر بىر قىرغىز مالچىنى بىردىن چېگرا قاراۋۇلىغا ئايلاندۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات فىلىمىدا قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كاتىباشلىرى چىقارغان بۇ چاقىرىق قىرغىز خەلقىنىڭ نامىدا سۇيىئىستېمال قىلىنغان. مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەن خىتاي تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا چېگرا مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان پۈتۈن ساداقىتى بىلەن ئىشلەپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇزقۇرۇن چېگرا ئېغىزىدىكى قىرغىز مالچىلارغا ئايدا 2600 سومدىن قوشۇمچە تەمىنات بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا يەنە كۆزەتچىلىكتە ئىشلىتىدىغان موتسىكلىت ۋە دۇربۇن قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ سەپلەپ بەرگەن ئىكەن.
ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزا سۇبېشى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۆز تەۋەلىكىدىكى قىرغىزلاردىن جەمئىي 511 نەپەر «چېگرا قوغدىغۇچى» قوبۇل قىلغانلىقىنى، مەمەتنۇر ئوبۇلھەسەننىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ «قۇلاق» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇزقۇرۇن چېگرا ئېغىزىدا بايقالغان ھەرقانداق «گۇمانلىق شەخس ياكى ۋەقە» نى دەرھال سۇبېشى چېگرا ساقچىخانىسىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇلۇڭكۆل يېزىسىغا قوشنا ئويتاغ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ باشلىقى تەۋەلىكتىكى قىرغىز مالچىلىرىنىڭ چېگرا بويىدىكى ئەھۋاللاردىن ھۆكۈمەتكە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.
ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى ساقچىمۇ تەۋەلىكتىكى قىرغىزلارنىڭ ئۆز ئىگىلىكىدىن باشقا يەنە چېگرا بويلىرىغا «كۆز-قۇلاق» بولۇش ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېزىلىق ساقچىخانىغا ئەمەس، بەلكى شۇ يەردە تۇرۇشلۇق چېگرا قوغداش ساقچىخانىسىغا بىۋاسىتە ئەھۋال مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىز ئارقىدىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى ساقچى، بارىن يېزىسى تەۋەسىدىكى قىرغىزلارنىڭ خانتېرەك دېگەن كەنتتە ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كەنتلىرىدە «مۇقىملىق» بويىچە سىياسىي ئۆگىنىش ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما خانتېرەك كەنتىدىكى قىرغىز مالچىلىرىغا ئوبلاست رەھبەرلىكىنىڭ چاقىرىقى بويىچە چېگرا بويىدىكى «گۇمانلىق ئەھۋاللار» دىن مەلۇمات يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندېرىئان زېنز بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خۇددى تىبەتكە ئوخشاش ‹مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى› نىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ چارىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ساقچىلىق خىزمىتى ئادەتتىكى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئىستېراتېگىيەلىك پىلان نۇقتىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئاز ئىقتىساد سەرپ قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىماقتا. خۇددى ھازىر رايوندا تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئىش توختامى غەيرىي-نورمال بولغىنىدەك، ساقچىلىققا ياللانغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىمۇ غەيرىي نورمالدۇر. قىزىقارلىقى شۇكى، ئوخشاش بىر ساقچىلىق خىزمىتىنىڭ رايون پەرقى ۋە ئوخشىمىغان جۇغراپىيەگە قاراپ ئىش ھەققىدىمۇ كۆپ پەرقلەر مەۋجۇت ئىكەن. بەزى جايلار ساقچىلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن تەمىنلىمەكتە. شىمالدىكى بەزى جايلاردا ساقچىلارنىڭ مائاشىنىڭ جەنۇبتىكى چەت رايونلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.»
0:00 / 0:00