19-ئاپرېلدا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىنىڭ چىڭغىز ئايتماتوف نامىدىكى رۇس دراما تىياتىرىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى 8-قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭغا مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چۇي، ئوش، ئىسسىق كۆل، جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ۋە بىشكەك ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن بولۇپ 490 ۋەكىل، شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلقلىرى ئاسسامبلېيىسى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىندا دەسلەپ سۆزگە چىققان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف تۆت يىللىق ئىش-پائالىيىتى توغرىلىق ھېسابات بەردى. ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۈلېندىبايېف «ئىتتىپاق»نىڭ خىزمەتلىرى ۋە مالىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا دوكلات قىلدى.
قۇرۇلتايدا سۆز ئالغان قىرغىزىستان خەلقلىرى ئاسسامبلېيىسىنىڭ رەئىسى بېكتېمىر مۇرزۇبرائىموف «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىشىنى يۇقىرى باھالاپ، ئاسسامبلېيە تەركىبىدىكى ئوتتۇزغا يېقىن مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئالدىنقى قاتاردا كېلىۋاتقان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان شۇنداقلا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش بويىچە دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەكىلى بەختىيار سەلىيېف، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابىلابېك ئاسانقانوف، قەشقەرقىشلاق يېزىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئەمگەك قەھرىمانى ئىباخان سايىتوۋا، «ئانا يۇرت» قاراچاي مىللىي مەركىزىنىڭ رەئىسى زوھرا شىداكوۋا، ئۆزگەن شەھىرىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاقساقىلى سەلىجان موللائاخۇنوف، ئوش شەھەرلىك ئۆزبېك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەت پالۋا، شائىرە خەيرىنىسا تۇردىيېۋا، قازاقىستانلىق ئالىمە، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى دىلىنۇر قاسىموۋا ۋە باشقىلار «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېفنىڭ پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى.
يىغىن ئاخىرىدا يەكۈن چىقىرىلىپ، «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ تۆت يىللىق پائالىيىتى قانائەتلىنەرلىك دەپ باھالاندى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا جەمئىيەت نىزامنامىسىگە ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈش توغرىلىق قانۇنشۇناس تۇرسۇن ئىسلام دوكلات قىلىپ، نىزامنامە كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىر ئېغىزدىن ئارتىق ھاجىيېفنىڭ نامزاتىنى قوللاپ، ئاۋاز بېرىشتى. ئاندىن جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتى، مەركىزىي كېڭىشى سايلىنىپ، مۇراجىئەتنامە قوبۇل قىلىندى.
قۇرۇلتايدىن كېيىن «رامازان» كافېسىدا «ئىتتىپاق» رەھبەرلىرى ئوش، جالالئاباد، ئۆزگەن، قەشقەرقىشلاق، قاراقول ۋە باشقىمۇ جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، مېھمانلار قۇرۇلتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئارتىق ھاجىيېفقا ئۇتۇقلار تىلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىرە خەيرىنىسا تۇردىيېۋا ۋە فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى دىلىنۇر قاسىموۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.