دائىرىلەر مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان «قىزىل ناخشا ئېيتىپ ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش» ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ قىزىل ناخشا ئېيتىش»، 60 يىللىق نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنلىرى، رەسىم-ھۆسنخەت كۆرگەزمىلىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر باشلانغان. ئۇنداقتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ خىل «قىزىل ناخشا ئېيتىپ، كومپارتىيىنى ۋە كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى مەدھىيىلەش» پائالىيەتلىرىگە ئۇيغۇرلار نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ھەتتا يېزا، كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، «دېڭىزدا پاراخوت رولچىغا تايىنىپ ماڭار» قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ۋە قىزىل خىتاي دۆلىتى مەدھىيىلەنگەن قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلىغان. بولۇپمۇ 9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ‏- شىمالىدىكى يېزا، كەنتلەردە «قىزىل ناخشا ئېيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى» باشلانغان.

رادىئومىزغا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ياش دېھقان ئەر-ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا «ئىنقىلابىي قىزىل ناخشا خور ئۆمىكى» گە قاتناشتۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق ئەڭ ئالدىراش بولغان 7-8-ئايلاردىن باشلاپ مەشىققە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ۋە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يېزا، كەنتلەردە مەخسۇس «قىزىل ناخشا ئېيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت مۇسابىقىلىرى» ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقى ئىنكاس قىلىندى.

18-سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر خانىم، 19-سېنتەبىر شەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ھەرقايسى كەنتلەر ئارا خىتاي تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئىنقىلابى ناخشا ئېيتىش خور مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم يەنە، ئۆزى بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ناھىيە بويىچە بۇ خىل قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ياز پەسلىدە كەنتلەردە خور ئۆمەكلىرى ياش كېلىنچەك-چوكانلاردىن تەشكىللەنگىنى ئۈچۈن، ئېتىز ئىزلىرى ئالدىراش مەزگىلىدە ئېتىز ۋە ئۆي ئىشلىرىغا ئېغىر دەخلى يەتكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەر دېھقانلارنى بىزار قىلىپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «3-سېنتەبىر ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەنگىنى ئۈچۈن، مەكتەپلەردە دەرس كېچىكتۈرۈلدى، مانا ئەمدى ئوقۇش باشلىنىپلا مەكتەپلەردە يەنە ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئاڭلىشىمچە، نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار چۈشتىن كېيىن دەرس ئوقۇماي مەخسۇس ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىشنى مەشىق قىلىۋېتىپتۇ. 60-يىللاردا ياش مەزگىلىمىزدە بۇ خىل ناخشىلارنى ئېيتىپ «ساداقىتىمىز» نى بىلدۈرەتتۇق. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ خىل قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرى ئازايغان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يەنە قايتىدىن باشلاندى. ھەتتا دېھقانلارمۇ بۇ خىل قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا تەشكىللەنمەكتە. قارىغاندا ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ساداقىتىنى قىزىل ناخشا بىلەن سىنايدىغان، دېھقانلار ‹بەختلىك ھاياتىغا بولغان مىننەتدارلىقى› نى ‹قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش بىلەن بىلدۈرىدىغان› زامان قايتىدىن كەلگەن ئوخشايدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ بۇ ھەپتىدىن باشلاپ، ۋىلايەت، ناھىيىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن قىزىل ناخشا مۇسابىقىلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدا، «ئالتاينىڭ قابا ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مىڭ كىشىلىك ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى»، «كۇچا ناھىيىسىدە يېزىغا چۈشكەن كادىرلار ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئۈچۈن دېھقانلارنى تەشكىللەپ ئىنقىلابىي ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى»، «شىخۇ شەھىرى 60 يىللىق تەبرىكلەش تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى» دېگەندەك خەۋەرلەر بېسىلدى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان «قىزىل ناخشا ئېيتىپ ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيەتلىرى چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان «قىزىل ناخشا ئېيتىپ كومپارتىيىنى مەدھىيىلەش، كوممۇنىستىك ھۆكۈمەتكە ساداقىتىنى ئىپادىلەش» ھەرىكىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىشەنچنىڭ بارغانسېرى يوقاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ئىستېلاسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى مەجبۇرىي تەشكىللەپ قىزىل ناخشا ئېيتقۇزۇپ، كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى ۋە ھاكىمىيىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بېسىۋالغان زېمىنلاردىكى خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە بولغان مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇر زېمىنىدا ئۇيغۇرلارغا ناخشا ئېيتقۇزۇپ كومپارتىيىنى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مەجبۇرىي مەدھىيىلەتكۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىكى باراۋەرسىزلىك، بايلىق تەقسىماتىدىن بەھرىمەن بولالماسلىق، تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى دەپسەندە قىلىنىپ 2-مىللەت مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ۋەزىيىتىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن 1955-يىلى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا بەلگىلەنگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرى» نى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا نۆۋەتتە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازىيىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.