«قىزىل تەشۋىقات چولپىنى» قۇربان ئۆمەر ئۆزىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن شىكايەت قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «قىزىل تەشۋىقات چولپىنى» دەپ تەرىپلەنگەن قۇربان ئۆمەر بۈگۈن ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ قايراق كەنتىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مۇخبىر: تېچلىقمۇ؟ يېقىندىن بۇيان نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىسىز؟

قۇربان ئۆمەر: تۈنۈگۈن ئاتۇش شەھىرىگە كىرىپ چىقتىم. شەھەرنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىشچىلار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلمەكچىكەن. مېنى ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ سايلاپتىكەن، شۇ قۇرۇلتايغا قاتناشماقچىمەن.

مۇخبىر: يېقىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ ئاتۇشنى زىيارەت قىلغاندا سىز بىلەن كۆرۈشتىمۇ؟

قۇربان ئۆمەر: ياق، ئۇ باشلىق كەلگەندە مېنى چاقىرىشمىدى، مەنمۇ بىر خىللا بولۇپ قالدىم، نېمە ئۈچۈن چاقىرمىغانلىقىنىمۇ بىلمىدىم.

مۇخبىر: سىز تەشۋىقات ساھەسىدە تونۇلغان بىر شەخس تۇرسىڭىز، نېمىشقا سىزنى چاقىرمايدۇ؟

قۇربان ئۆمەر: بۇنى بىلمىدىم، مەن ئۆزۈممۇ بىر قىسما بولۇپ قالدىم. ئەمما ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى مېنى مەخسۇس يوقلاپ ئۆيۈمگە كەلدى. ئۇلار مېنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدە «زوراۋان تېررورچىلار» ۋە «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر» گە قارشى ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىمنى ماختىدى. ماڭا ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتتىن بىرنى ھەدىيە قىلدى.

مۇخبىر: بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە سىزنى تەكلىپ قىلدىمۇ؟

قۇربان ئۆمەر: ياق، تەكلىپ قىلمىدى، ئەمما بۇ يىل 5-ئايدا تەييارلىق پائالىيىتىگە بېرىپ قاتنىشىپ كەلدىم. ئەسلىدە 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى چوڭ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما تەكلىپ قىلمىدى. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمىدىم. قارىغاندا، بۇنىڭغىمۇ «ئارقا ئىشىك» كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن ئوننەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كېتىۋاتىمەن، بۇنى بۇ يەردىكى ھەممىسى، بولۇپمۇ باشلىقلار بىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ يېقىندىن بۇيان مېنى بۇنداق پائالىيەتلەرگە چاقىرماس بولدى. مېنىڭ پۇلۇم يوق، ئەگەر پۇلۇم بولسا ئۇلارغا «ئارقا ئىشىك» قىلسام، ئاندىن مېنى چاقىرامدىكىن-تاڭ!...

مۇخبىر: يۈ جېڭشىگدەك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان چوڭ ئەمەلدارنىڭ ئاتۇشقا كېلىشى ئاسان ئەمەس. سىز شۇنچە يىللاردىن بۇيان كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كەپسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق سورۇنلارغا سىزنى چاقىرماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك بوپتۇ!؟

قۇربان ئۆمەر: شۇنداق، ھەممىسى شۇنداق دەۋاتىدۇ. كۆپچىلىك ئاممىمۇ «سەن شۇنچە يىللار مابەينىدە ھويلاڭدا قىزىل بايراق چىقىرىپ، شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان تۇرساڭ، ھۆكۈمەت بۇنداق چاغلاردا سېنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى» دېيىشىۋاتىدۇ» راستنى دېسەم، مەن ئۆزۈممۇ رەنجىدىم. ئىلگىرى پارتىيە-ھۆكۈمەتتىكىلەر ئالدىراش، بەلكىم ئۇنتۇپ قالغاندۇ، دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەرگەن ئىدىم. بۇ قېتىم راستىنلا رەنجىدىم!...

مۇخبىر: ھويلىڭىزدا يەنە بايراق چىقىرىۋاتامسىز؟
قۇربان ئۆمەر: شۇنداق، قىزىل بايراقنى ئەھمىيەتلىك كۈنلەردە چىقىرىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يىل ئۆكتەبىر بايرىمىدىمۇ بالا-چاقىلىرىم بىلەن بىرلىكتە چىقاردىم، كەنتتىن بىرقانچە كىشى ئۆيۈمگە كېلىپ بىرلىكتە بايراق چىقاردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.