قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتكەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرىگە يېرىم دېھقانچىلىق ۋە يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يۇرت-مەھەللىلىرى جايلاشقان. «ئون ئىككى تاغ» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ تاغلىق رايونلار ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن.
ۋەھالەنكى، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر تۇرغۇزۇپ، قۇمۇل تاغلىقلىرىنى مەھەللە بويىچە شەھەر ئەتراپىدىكى سۇسىز بوز يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان قۇمۇل تاغلىرىنى بازا قىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ياراتقان بۇ تاغلىق كەنتلەر بىر-بىرلەپ تاشلىنىپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇمۇل ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەزكۇر تۈرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، تاغلىقلارنى تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈش قەدىمىنى ھەسسىلەپ تېزلەتكەن. دەسلەپ قۇمۇل تاغلىرىدىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىنى شەھەر ئەتراپىدىكى سۇسىز بوزلۇقلارغا كۆچۈرگەن بولسا، يېقىندىن بۇيان ئۇلارنى قۇمۇل شەھىرىنىڭ يېڭى ئېچىش رايونىدىكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرگە كۆچۈرۈشكە باشلىغان. يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان قۇمۇل تاغلىقلىرى شەھەردىكى ئاران 50 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۆۋەن ئىجارىلىك بىنا ئۆيلەردە ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ئېلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئاقتاش، توشۇ (تاشغول)، نەمداۋان، قوۋۇقئېغىزى قاتارلىق مەنزىرىلىك رايونلاردىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىنىڭ مەھەللىلىرى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلۈپ، بۇ رايونلار خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن يازلىق ساياھەت ئورنى ياكى قىشلىق قار تېيىلىش مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
بىز يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىۋاتقان قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن قۇمۇل شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق كەنت - تۆمۈرتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەيسا يەھيا ئاكا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
ئەيسا يەھيا: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشى.
مۇخبىر: سىز تۆمۈرتى كەنتىدە تۇرامسىز؟
ئەيسا يەھيا: ھەئە. ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
مۇخبىر: مەن مۇخبىر، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. سىزدىن تۆمۈرتى كەنتىدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ باقاي دېگەن ئىدىم. ھازىر خەلقنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
ئەيسا يەھيا: ھە، مەن نېمە دېسەم بولىدۇ، ئەمدى!؟
مۇخبىر: ئاڭلىساق، تۆمۈرتى كەنتىدىكى خەلقنىڭ بىر قىسمىنى تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈپتۇ، ئاز بىر قىسمى ئۆز مەھەللىسىدە قاپتۇ. ھازىر خەلقنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىدىن ياخشىلاندىمۇ ياكى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتىمۇ؟
ئەيسا يەھيا: بىر قىسمىنى كۈزدە كۆچۈردى، ھازىر ئىككىنچى باسقۇچلۇق كۆچۈرۈشنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدەكلا، شەھەرگە كۆچكەنلەرنىڭ كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.
مۇخبىر: يۇرتتىكى خەلق ئۆزلىرى خالاپ كۆچۈۋاتامدۇ ياكى مەجبۇرىيمۇ؟
ئەيسا يەھيا: خالاپ كۆچۈۋاتىدۇ.
مۇخبىر: كۆچكەنلەرنىڭ ئۆي-جايلىرىنى ھۆكۈمەت ھەل قىلىپ بېرىۋاتامدۇ؟
ئەيسا يەھيا: بىنادىن ئۆي بېرىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: بۇرۇن تاغدا چارۋىچىلىق قىلغان ئادەملەر ھازىر شەھەرگە كۆچسە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ئەيسا يەھيا: ئۇلارغا ھەر ئايدا 300 سوم ئەتراپىدا دىباۋ (تۆۋەن كاپالەت) پۇلى بېرەرمىش. شەھەر تازىلىقى، شەھەر كۆكەرتىش ۋە باشقا ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپتۇ.
مۇخبىر: سىزمۇ بىلىسىز، تۆمۈرتى بىر قەدىمىي يۇرت، ھازىر بۇ يۇرتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تۈزلەڭلىككە كۆچۈرۈلسە بۇ يۇرتنىڭ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چىرىغى ئۆچۈپ قالمامدۇ؟
ئەيسا يەھيا: ھەئە، ھازىر شۇنداق بولاي دەۋاتىدۇ.
مۇخبىر: بۇنىڭغا قارىتا خەلقنىڭ باشقىچە پىكرى بولمىدىمۇ؟
ئەيسا يەھيا: خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما تۈزلەڭلىككە چۈشكەن بىلەن بوز يەرلەردە سۇ يوق. ھازىر ھۆكۈمەت بىزنى بازارغا يۈزلەندۈرىمىز، بىنادىن ئۆي بېرىمىز، قېرىلارغا دىباۋ (تۆۋەن كاپالەت) پۇلى بېرىمىز، ياشلارغا ئىش تېپىپ بېرىمىز دەۋاتىدۇ. 2011-يىلىدىكى ھۆججىتىدە شۇنداق دېيىلىپتىكەن. ھازىر چىققان ھۆججىتىدە بولسا 60 ياشقا توشقانلارغا تۆۋەن كاپالەت پۇلى بېرىمىز. ياشلارغا ئىش تېپىپ بېرىمىز. بۇنىڭغا قوشۇلساڭلار ئالدى بىلەن قول قويۇڭلار، بولمىسا قېلىڭلار دەۋاتىدۇ.
مۇخبىر: سىز قانداق قىلدىڭىز؟
ئەيسا يەھيا: مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلدىڭىز، مەن ھەيران قالدىم. مەن پۈتۈن تۆمۈرتى كەنتى بويىچە 2011-يىلىدىكى كۆچۈش توختامىغا قول قويمىغان ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدىم. چۈنكى 60 ياشقا توشقانلارغا ھەر ئايدا پەقەت 291 يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلىلا بېرىمىز دېگەچكە، مەن قول قويماي يۇرتۇمدا قالدىم.
مۇخبىر: ھازىرقى مال باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن بىر زاماندا تاغلىقلار ئاتا-بوۋىلىرى بىنا قىلغان يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ شەھەرگە كۆچسە تۆۋەن كاپالەت پۇلى بىلەن قانداق ياشىغىلى بولىدۇ؟
ئەيسا يەھيا: ئامال يوق، كېيىنمۇ شۇنداق ياشايدۇ شۇ! 2011-يىلىدىكى ھۆججىتىدە شەھەرگە كۆچكەنلەرنىڭ يەر-جايلىرىنى ھۆكۈمەت ئېلىۋالىدۇ، پەقەتلا يايلاقلىرى مەلۇم مەزگىلگىچە ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ دېيىلىپتىكەن. ھازىر ئاڭلىساق، ئۆي ۋە يەر-جايلارنى ئالمايمىز دەپتۇ، ئەمما راستمۇ ياكى يالغانمۇ، بىلمىدۇق.
مۇخبىر: ئاڭلىساق، تۆمۈرتىگە ئەمدى توك ئۇلىنىپتۇ، يوللار ياسالدىمۇ؟
ئەيسا يەھيا: ئىلگىرى قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىلاتتى. مۇشۇ 12-ئايدا توك رەسمىي ئۇلاندى. قاتناش يولىنى ياسىغۇدەك دەپ ئاڭلىدۇق.
مۇخبىر: مەكتەپ بارمۇ؟
ئەيسا يەھيا: مەكتەپ پۈتۈنلەي تاقالدى.
مۇخبىر: مەكتەپ تاقالسا بالىلار قانداق ئوقۇيدۇ؟
ئەيسا يەھيا: بۇ يەردە ئاخىرقى 10 نەچچە بالا قالغان ئىدى، مۇشۇ قىشلىق تەتىلدىن كېيىن ئۇ بالىلارنى شەھەردىكى مەكتەپكە ئاپارغۇدەك…
مۇخبىر: شۇنداق قىلىپ تۆمۈرتى يۇرت بولغاندا قۇرۇلغان مەكتەپ يوق بولدىمۇ؟
ئەيسا يەھيا: شۇنداق، يوق بولدى.
مۇخبىر: مۇشۇنداق بولسا، بىرقانچە يىللاردىن كېيىن تۆمۈرتى دېگەن يۇرتمۇ يوق بولامدۇ-قانداق؟
ئەيسا يەھيا: تاڭ ئەمدى، بىلمەيمەن. لېكىن 2011-يىلىدىكى كۆچۈش توختامىغا قول قويماي قەپ قالغان بىردىن-بىر ئائىلە مەن شۇ.
مۇخبىر: ئۇ چاغدا سىز نېمىشقا قول قويمىغان؟
ئەيسا يەھيا: شەھەردە ياشاشقا كۆزۈم يەتمەي يۇرتۇمدا تۇراي دەپ قول قويمىغان.
مۇخبىر: ھازىر ئەھۋالىڭىز قانداق؟
ئەيسا يەھيا: 2011-يىلى مەن كۆچۈش توختامىغا قول قويمىغاچقا، ماڭىمۇ، ئوغلۇمغىمۇ ئۆي بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق غورىگىل ئولتۇرۇپتىمىز.