يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقان قۇمۇل تاغلىقلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى (2)

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، قۇمۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەھەللە بويىچە شەھەرگە كۆچۈرۈلۈشى نۇرغۇن قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىر-بىرلەپ تاشلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي شىركەتلىرى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە ئۇلارغا تەۋە تەبىئىي مەنزىرىلىك يايلاقلاردا ساياھەت ئورۇنلىرى قۇرۇپ زور پايدا ئېلىشقا باشلىغان. تېخىمۇ ئېچىنارلىق بولغىنى شۇكى، تۆمۈرتى قاتارلىق تاغلىق كەنتلەردە شەھەرگە كۆچۈشنى رەت قىلىپ ئۆز يۇرتىدا قالغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرمۇ تاقالغان.

كۆچۈشنى رەت قىلىپ يۇرتى تۆمۈرتى كەنتىدە ھازىرغىچە تۇرۇۋاتقان ئەيسا يەھيا ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بەزى ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئۇ تۆمۈرتى كەنتىنىڭ بارغانسېرى تاشلىنىپ قېلىۋاتقان يايلاقلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۆمۈرتى كەنتى تاغلىق رايون، ئۇنىڭ نۇرغۇن يايلاقلىرى بار، 20 مىڭ تۇياق چارۋا باققۇدەك يايلاقلىرى بار. ھازىر خەلقنى شەھەرگە كۆچۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر چارۋىلىرىنى سېتىپ يايلاقنى بوشىتىپ بەردى. بۇ يەرلەرنى ئەمدى ھۆكۈمەت ساياھەت ئورنى قىلىدىكەن دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدۇق.»

ئەيسا يەھيا ئاكا يەنە مۇنداق دېدى: «تۆمۈرتى كەنتىدىن باشقا ئەتراپتىكى قوشنا يېزا-كەنتلەردىن غەربىي تاغ (شارلا تېغى) يېزىسى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلمەكتە. بىزگە قوشنا بولغان نېرناسۇ كەنتى ۋە ئاقتاش يېزىلىرىمۇ ھەممىسى دېگۈدەك كۆچۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئاقتاش ئايرىم بىر يېزا ئىدى، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى مەھەللىلەر يوق بولدى، پەقەت يۈزدە بىر پىرسەنت ئادەم قالدى. ئاقتاش يېزىسىنى خەنزۇ شىركەتلىرى ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىۋاتىدۇ.»

ئەيسا يەھيا ئاكا يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ شەھەرگە كۆچۈۋاتقانلار ھەققىدە ئۆز خورسىنىشلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلدى: «مۇشۇنداق كۆچۈرۈلسە بىزنىڭ بۇ يۇرتلار كېيىنچە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدىغاندەك قىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ھۆكۈمەتنىڭ دىباۋ (تۆۋەن كاپالەت پۇلى) غا قىزىقىپ كۆچۈۋاتىدۇ. ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان يۇرت-ماكانلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە خاراب بولۇۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ياشلار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە شەھەر ھاياتىغا تەلپۈنۈش خىيالى بىلەن كۆچۈشكە قىزىقىۋاتىدۇ.»

ئاخىرىدا ئەيسا يەھيا ئاكا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مەن كۆچۈشنى رەت قىلغان ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ بىرى. شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن ماڭا ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلمىدى. 4 بالام بار، ئۇلارنى ئوقۇتۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئىقتىساد يوق، ئوقۇتالمىدىم. ئەڭ كىچىك ئوغلۇم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئىدى، لېكىن ئۇنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇشقا ئىقتىسادىي قۇربىمىز يەتمىدى. ھازىر ئۇ بالاممۇ ئىشسىز تۇرۇۋاتىدۇ.»