يېقىندا قۇمۇل شەھەرلىك مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنىڭ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئۆزىنى ئالدىن مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئاتالمىش «18 خىل جىنايەت» نىڭ ئىپادىلىرى ساناپ ئۆتۈلگەن. ئۇلار بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار، بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولغانلار، خىمىيەۋى ئوغۇت ياكى ئىسپىرت قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى سېتىۋالغان، ساقلىغان ياكى ساتقانلار، چەتئەلدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلەر، VPN قاتارلىق تور تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ تام ئاتلاپ چەتئەل تورلىرىغا چىققانلار دېگەندەك «جىنايەت تۈرلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
قۇمۇل شەھەرلىك دائىرىلەر يەنە كىشىلەرنى «قۇرئان» غا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغانلار، باشقىلارنى تېلېۋىزور كۆرۈش، ھاراق ئىچىش، تانسا ئويناش ۋە تاماكا چېكىشتىن چەكلىگەنلەر، ھۆكۈمەت تارقاتقان كىملىكنى رەت قىلغان، يىرتقان ياكى تاشلىۋەتكەنلەر شۇنداقلا ھۆكۈمەت بەرگەن ئۆيدە ئولتۇرۇشنى رەت قىلغان كىشىلەرنىمۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقالغاندىن كېيىن چەتئەللەردە كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇكنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى تىزىملىكى خىتاينىڭ ھەقىقىي زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئادەتتىكى نورمال ھەرىكەتلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. ساراھ خانىم سۆزىدە «بۇ تىزىملىكتە تېررورلۇق ياكى تېررورلۇق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ھەرىكەتلەر بىلەن ئادەتتىكى نورمال ھەرىكەتلەر ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خەلقئارا قانۇنلاردا بېكىتىلگەن ئىنسانلارنىڭ نورمال ھوقۇقلىرىدۇر. مەسىلەن، VPN ئارقىلىق چەتئەل تور بېتىگە كىرىدىغان كىشىلەر خىتايدا ناھايىتى كۆپ، ئۇلار تېررورچى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ تىزىملىكتىكى نۇرغۇن ماددىلار كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك نورمال پائالىيەتلىرى ۋە شەخسىي تاللىشىدىكى ئىشلار، خالاس. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەربىر دېتالىغىچە ئارىلىشىۋالغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېدى.
مەزكۇر 18 ماددا ئىچىدە يەنە بالىلىرىنى دىنى كۇرسلارغا بەرگەنلەر، «قۇرئان» ئۆگەتكەنلەر، كادىرلار بىلەن ھەمكارلاشمىغانلار، ئىسلام قائىدىلىرى بويىچە ئۆيلەنگەن ۋە ئاجراشقانلار، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە دىننى باھانە قىلىپ ئارىلاشقانلار قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ ئورۇن ئالغان. قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىدا يۇقىرىقىدەك «جىنايەت» لەرنى ئۆزلۈكىدىن كېلىپ ئىقرار قىلغانلارنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ياكى كەچۈرۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن دىنى ئۆرپ-ئادەتلەرنى «ئەسەبىيلىك-ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇمۇل شەھىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى غەرب ئەللىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ خەۋەرنى ئىنگلىزچە قىلىپ تارقىتىشىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق مەزگىلدە كىشىلەرنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارانىڭ ئۈمىدىنى سۇندۇرماقچى بولغان.
ساراھ كۇك خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇققا بېرىۋاتقان تەبىرىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇققا بېرىلگەن ئورتاق تەبىر بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشتا مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدىكەن. ساراھ كوك خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى. بىر جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن يۇقىرىقى ئىشلارنى تېررورلۇق، رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى، دەپ قارىغانلىقتىن ئۇنى گېزىتتە ئېلان قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خەۋەر مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن ئېلان قىلىنغان بولسۇن، مەنچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان تېررورلۇقنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇق بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبلىك دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى يېقىندا مەخسۇس «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن، كانادا قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىرلىكتە خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00