گۈلگىنە: قوش تىل مائارىپ بىزنىڭ غايىمىزنىمۇ تۇنجۇقتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.06.11
qosh-til-doska قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يەسلىدىن تارتىپ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇپ بولدى.

قارايدىغان بولساق، يېڭى تىلى چىققان ئۇيغۇر بالىلىرى، باغچە ناخشىلىرىنىمۇ خىتاي تىلىدا ئېيتىدىغان، مەكتەپكە كىرگەندە ئانا تىلى دەرسلىكىدىن باشقا بارلىق ئاساسلىق دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇيدىغان بولدى. قوش تىل مائارىپى باھانىسىدە ئۆز ئانا تىلىدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن نورمال ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەر تەرەپلىك سەلبىي تەسىرلىرى بارا-بارا گەۋدىلەنمەكتە. ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى ئانا تىلىدىمۇ، خىتاي تىلىدىمۇ ئوخشاشلا تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتقان بالىلار ئاتا ئانىلارنى، بىر مىللەتنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئۇلار قوش تىل مائارىپى ئېلىپ كېلىۋاتقان شۇ خىل ئىزتىراپلاردىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.

قوش تىللىق مائارىپ تەرىپىدىن غايىسى تۇنجۇقتۇرۇلغان 18 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزى يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.