ئۇيغۇر دېھقان: «ئاممىغا قۇلايلىق كارت بىكار قىلىندى، ئەمما تۇغقانلار كەلسە تىزىملىتىمىز»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە بىرقانچە يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان «ئاممىغا قۇلايلىق كارت» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سەيلە-ساياھەت ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتلارغا بېرىشىغا ئېغىر قۇلايسىزلىق كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل 4-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاممىغا قۇلايلىق كارتىنىڭ 1-مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دائىرىلەر ئاممىغا قۇلايلىق كارتىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە يېزىلىق ساقچىخانىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە مېھمانلارنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە، 2016-يىلى 27-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 1-مايدىن باشلاپ ئاممىغا قۇلايلىق كارتنىڭ بىكار قىلىنىدىغان» لىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا ئاممىغا قۇلايلىق كارتىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ سىرتلارغا چىقىشىدا چوقۇم بېجىرىشى شەرت قىلىنىپ، يەنىلا مەلۇم نارازىلىقىلارنى پەيدا قىلغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. خەلق ئارىسىدا «يېشىل كارتا» دەپ ئاتالغان بۇ خىل كارتنىڭ نېمە ئۈچۈن بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى. دائىرىلەر 27-ئاپىرىلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئىزاھات بېرىپ، «قۇلايلىق كارتنى بىكار قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 27 تەدبىرىدىن بىرى» دەپ تونۇشتۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «قۇلايلىق كارت يولغا قويۇلغاندىن بېرى، ئۇنىڭ ئاھالىلەرگە بىر قاتار ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان ۋە «قۇلايلىق كارت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مىللەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ۋە سىڭىشىشنىڭ قويۇقلىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئىللىيدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئۇنداقتا ئاتالمىش «ئاممىغا قۇلايلىق كارتا» بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەردى؟ «قۇلايلىق كارتنى بىكار قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 27 تەدبىرىدىن بىرى»دەپ ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتىلغان «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدىكى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىلگىرىكىدىن بوشاشتۇردىمۇ؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن بىرەيلەن، ئۆز يېزىسىدىكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، «ئاممىغا قۇلايلىق كارتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، ئەمما يېزىدا ۋەقە يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ يەنىلا چىڭ تۇتۇلۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ناھىيىسىدە «ئاممىغا قۇلايلىق كارتا» بىكار قىلىنىپ،دېھقانلار باشقا يۇرتلارغا بېرىشتا قۇلايلىق پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە باشقا جايلاردىن قونىدىغان تۇغقانلار، دوستلار كەلسە، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئىلگىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر يېزا كادىرىمۇ، «ئاممىغا قۇلايلىق كارتا» ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر كارتىنىڭ، يېزىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ساقلاشتا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قۇلايلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىپ، نارازىلىق قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1-مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنىش ئۇقتۇرۇلغانلىقى، «ئەمما مەزكۇر يېزىدىكى نۇقتىلىق ئائىلىلەر يەنىلا نازارەت قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش قۇلايلىق كارتا تۈزۈمى قاتارلىق نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تۈزۈملىرىنى تەنقىد قىلدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ خىل قۇلايلىق كارتا تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەتتە كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار بەلگىلىمە-نىزاملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.