زامانداشلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «تۆھپىكار نەمۇنىچى» قۇربان نىياز
2018.12.19
ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا شەخسىي خىراجىتى بىلەن «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقان قۇربان نىياز مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر تونۇشلۇق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما «قۇربان نىياز» دېگەن بۇ ئىسىم 2018-يىلى 18-دېكابىردىن باشلاپ بىردىنلا پارتلاش خاراكتېردە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىللىگەن «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ قىرىق يىللىق مۇساپىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 نەمۇنىچى» نى تاللاشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، تەبىئىي پەن، مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەلىرىدىكى ما يۈن، ياۋمىڭ، لاڭ پىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم سەرخىللار قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ تاللانغان بىردىن-بىر كىشى قۇربان نىياز ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى مىڭلىغان سەرخىللىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقاندا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن بىر كىشىنىڭ 11 مىليون ئۇيغۇرنىڭ يېگانە ۋەكىلى بولۇپ «مەملىكەتلىك تۆھپىكار نەمۇنىچى» بولۇپ باھالىنىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
گېرمانىيەدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى مەزكۇر «تۆھپىكار نەمۇنىچى» قۇربان نىيازنىڭ ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ 1982-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم قۇربان نىيازنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا لايغەزەللىك ۋە ئوقۇشتا ئەڭ ناچار بولۇش بىلەن داڭق چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
قۇربان نىيازنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىر سىنىپ ساۋاقداشلىرىدىن ئېليار ئۆمەر ئەپەندى ھازىر گېرمانىيەدە ياشىماقتا. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئەينى ۋاقىتتا قۇربان نىيازنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۆلچەملىرى خېلىلا چىڭ بولغان يىللاردا قانداق بولۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى ۋاقىتلىرىدا قۇربان نىيازنىڭ «دۆلەت تىلى مەكتىپى» ئاچقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى كوڭزىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇندۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ياقىسىنى تۇتقانلىقىنى ئېتىدۇ. شۇنىڭدەك 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان قۇربان نىيازنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىر قىزىقچىلىق ئۈچۈن نامايىشقا چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بۇ خىل مىللەت مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلىشتەك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قېلىشىنى ئۇنىڭدا ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان مىللىي غۇرۇر تۇيغۇسىنىڭ بولمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېليار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1985-يىلىدىكى ۋەزىيەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ئومۇمەن ناھايىتى ياخشى بولغان. سىنىپىدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا سورۇن تەييارلاپ ھاراق ئىچىشنى ئۆگەتكىنىدىن باشقا ئەستە قالغۇدەك بىرەر ئىشى يوق قۇربان نىيازنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەقسىم قىلىنىشىنى مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا ئارتۇق كەتكەن، دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇللىرى ھەققىدە سۆز قىلغان پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى خىتايلارنىڭ ھەرقاچان «ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېغىدا قورۇش» تاكتىكىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، قۇربان نىيازنىڭمۇ دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئېليار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكە تۈزۈمى ئاستىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە مائاش ئارقىلىق باغلىنىپ قالغان ئۇيغۇر كادىرلارغا قۇربان نىيازدەك ئاكتىپلىق بىلەن «خىزمەت كۆرسەتمەيمۇ» قولىدىن كەلگەن چەكلىك دائىرىدە ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بىر قىسمى دەل ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قۇربان نىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇربان نىيازنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان «ئۆركەشلەۋاتقان توشقان دەرياسى» ناملىق ھېكايە فىلىم ئىشلىمەكتە ئىكەن.