يەتتە يىلدىن بۇيان ھويلىسىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىپ، كومپارتىيىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن قۇربان ئۆمەر نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئاخباراتلىق شەخسكە ئايلانغان.
مېڭىسى يۇيۇلۇپ ئاللىقاچان «ماڭقۇرت» قا ئايلانغان بۇ كىشىدىن ھەر دەرىجىلىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
قۇربان ئۆمەر بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن سوققان «قىپ-قىزىل يۈرىكى» نى ئۆز تىلى بىلەن ئاشكارا قىلدى.
ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئېتىقادىغا قارشى يۆنىلىشتە سوققان يۈرىكى كوممۇنىست خىتاينىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بەرگەنلىكنى كۆرسەتمەكتە.
قۇربان ئۆمەرنىڭ ئۆز بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى جاكارلىنىپ ئىككىنچى كۈنى تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ ئاتېئىستىك تەشۋىقاتى داۋامىدا كاللىسى پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ، مىللىي ۋە ئىسلامىي روھتىن مەھرۇم قالغان. بېيجىڭنى ئۆمۈر بويى تەلپۈنىدىغان جاي قىلىپ تاللىۋالغان.
2008-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، قۇربان ئۆمەر موتسىكلىتىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بايرىقىنى ئېسىپ، 5 ئۆلكە، 35 شەھەرنى ئايلىنىپ ئاخىرى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يول بويى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆز دەۋرىدىكى قۇربان تۇلۇمنى دوراپ بېيجىڭغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزى كۈتكىنىدەك شاپائەتكە ئېرىشەلمىگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىيالى ئىشقا ئاشمىغان. پەقەتلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەر كۈتۈۋېلىپ، ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىپ قويغان.
ئۇ شۇ قېتىم بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئائىلىسى ۋە يۇرت - مەھەللىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ھەر كۈنى سەھەردە خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغان. ھالبۇكى، خىتاي مۇخبىرلىرى ئۇنى داۋاملىق كۆككە كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ئۇيغۇر تاراتقۇلىرى ئۇنى تەشۋىق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.