ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى، سىياسىي غەرەزلىك ئىملا، يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە يېزىقىنىڭ ئاغزاكى تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 23 - ئاپرېل تۈركىيەنىڭ فاتىخ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن «ئۇيغۇر دىيارى ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئۇيغۇر تارىخى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا ئۇيغۇر تارىخچى ۋە ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئارخېئولوگىيەلىك مەلۇماتلار ۋە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىمۇ توختالدى.
بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تىل - ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقا كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە بۇ تېمىلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش زىيالىيلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىنى تەكرار تەتقىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.
ئۇ: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى 1924 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا مۇئەييەن سىياسىي مەقسەت ۋە غەرەزلىرىنى سىڭدۈرگەن. كېيىنكى يىللاردىمۇ سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن داۋام قىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئىملا تۈزۈش ۋە يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە يېزىقى ئاغزاكى تىلنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە ئۈزۈك تاۋۇشلاردىنمۇ بوغۇم تۈزۈلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزگەن گرامماتىكا قائىدىلىرىدە بۇ قائىدە يوق قىلىۋېتىلدى» دېدى ۋە ياش تىل تەتقىقاتچىلارنى مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىلىق ئويلىنىشقا، بولسا بىر چارە تېپىپ، ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە چاقىردى.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى لېكسىيەنىڭ ئىككىنچى تېمىسىدا، ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيەسى ۋە تارىخ تەتقىقاتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ 1862 - يىلىدىن باشلاپ ياۋروپالىق ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بىر قانچە نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئارخېئولوگلار كېلىشىم بويىچە كەلگەن. ئۇلار ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك تاپقان ئاسارئەتىقىلەرنى ئوغرىلاپ كەتمىگەن. بەلكى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ سېتىۋالغان. بۇنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرى بار. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان 36 شەھەر دۆلىتىنىڭ ئىزلىرىنى تەتقىق قىلغان.

1934 - يىلى بىرىنچى كروران گۈزىلىنى شىۋېتسىيەلىك بېرىگمان تاپقان. 1979 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدىكىلەر بېرىگمان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلارنى قېزىپ، دۇنياغا داڭقى چىققان ئىككىنچى كروران گۈزىلىنىڭ مۇمىياسىنى تاپقان. بۇ كروران گۈزىلىنىڭ ياشىغان مەزگىلى بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 6400 يىل بۇرۇن دەپ بېكىتىلىپ، خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. كروران گۈزىلى بىلەن بىرلىكتە، بۇغداي، ئۆتۈك ۋە توقۇلما كىيىملەرمۇ تېپىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىخى 6400 يىل دەپ بېكىتىلگەن. مەن ھازىرمۇ بۇلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىمدا ئاشۇ 6400 يىل دەپ بېكىتىلگەن ھۆكۈمدىن پايدىلىنىۋاتىمەن. كروران گۈزىلىنىڭ DNA سى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، كروران گۈزىلىنىڭ گېنېتىك قۇرۇلمىسى تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش، يەنە ئىسكاندىناۋىيە ئاراللىرىدا ياشايدىغان خەلقلەر بىلەنمۇ ئوخشاش، تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ گېنېتىك قۇرۇلمىسى بۇنىڭغا يېقىن، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.»
ئۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلاردىن باشقا يەنە، تارىم ۋادىسى ۋە ئېلى ۋادىسىنىڭ تارىخى، ئۇ رايونلاردا ياشىغان خەلقنىڭ ئىشلەتكەن تىللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ توتېم مەدەنىيىتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ توختىلىپ ئۆتۈپ، ياشلارنىڭ تىل ۋە تارىخ توغرىسىدىكى سوئاللىرىغىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋابلارنى بەردى.
ئاخىرىدا، قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن فېيىسبۇك ۋە باشقا تورلارغا چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ياش تەتقىقاتچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ياشىنىپ قالدىم، ئەمما قولۇمدىن كېلىشىچە بىلگەنلىرىمنى يېزىپ قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، ئەمدى ئۈمىد سىلەر ياشلاردا. ھازىر بىزنىڭ تىل ۋە تارىخىمىز ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە، سىلەر ياشلار بۇنى ھېس قىلىشىڭلار ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشىڭلار كېرەك.»
تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىختىيارى سوئال سوراش ۋە ئەركىن مۇنازىرىلىشىشكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىلدى. ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلار ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيە ھەققىدە بەس - بەستە سوئال سوراپ پائالىيەتنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، تەر ئاققۇزغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنى قەدىرلەشنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس بىر ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان تارىخ تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى ئەپەندى ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.