رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆزى قارىلانغان كىتابقا ئىنكاس: ئۇيغۇرلار بۆلگۈنچى ئەمەس، مۇستەقىلچى
2016.08.26
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان «رابىيە قادىرنىڭ سىرلىق قىياپىتىنى ئېچىش» ناملىق كىتابتا، كىتابنىڭ يېزىلىش مەقسىتى ھەققىدە «ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئادەملەر چۈشىنىدىغان ھەقىقىي رابىيە قادىرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن» دېيىلگەن. كىتابتا باشتىن - ئاخىر رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تونىغا ئورۇنۇۋالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا مەقسىتىنىڭ خىتاينى پارچىلاش ئىكەنلىكى يەنى بۆلگۈنچى ئىكەنلىكى كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر بۈگۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ كىتابتىكى بۆلگۈنچى ئەيىبلىمىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
سوئال: ھەققىڭىزدە يېزىلغان «رابىيە قادىرنىڭ سىرلىق قىياپىتىنى ئېچىش» دېگەن بۇ كىتابتا، بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى : «ئاممىغا ھەقىقىي، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئادەملەر چۈشىنىدىغان، رابىيە قادىرنى ئەكس ئەتتۈرۈش» دېيىلىپتۇ ۋە كىتابتا كۆپ تەكىتلىگەن نۇقتا، سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش ئىكەنلىكى، يەنى سىزنىڭ بىر «بۆلگۈنچى» ئىكەنلىكىڭىز ئىكەن، كىتابتىكى بۇ ئەيىبلىمىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مېنىڭ ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدىغانلىقى ۋە يىقىلغان شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى تاغدەك بىر رېئاللىق، بۇ ئارزۇ ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە تەرىپلەنگەندەك، بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىنماس ۋە چېقىلالماس بولغان ئەركىن ياشاش ھەققىمىز، بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ھەققىمىز. مېنىڭ ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى قانۇنلۇق ۋە ھەقىقانىي تەلەپ، ھېچكىمنىڭ مېنى ياكى خەلقىمنى بۇ ھەقىقانىي ئارزۇيىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز سەۋەبلىك ئەيىبلەش ھەققى يوق.
سوئال: ئۇنداقتا، «شۇنداق، مەن بۆلگۈنچى!"!» دېمەكچىمۇسىز؟
جاۋاب: ياق، مەن بۆلگۈنچى ئەمەس، چۈنكى، نۆۋەتتىكى جۇڭگو، خىتاينىڭ دېگىنىدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئەمما بۇ دۆلەت، تەركىبىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەركىن تاللىشى بىلەن ئەمەس، خىتايلارنىڭ مانجۇ ئىمپىرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى بىلەن داۋاملاشقان دۆلەت. تەركىبىدىكى ھېچقايسى بىر مىللەتكە، تاللاش ھوقۇقى بېرىلمىگەن، سايلام ھوقۇقىمۇ بېرىلمىگەن، ھەتتا خىتاي بىلەن بىللە ياشاش - ياشىماسلىق ھەققىدە بىر راي سىناشمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان بىر دۆلەت. بۇنداق ئىشغالىيەتچى بىر دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقىش، ھەرگىز بۆلگۈنچىلىك ئەمەس، ئەگەر چوقۇم بىر نام بىلەن ئاتاش زۆرۈر بولسا، بۇ مۇستەقىلچىلىق، ئەركىنلىكچىلىك.
سوئال: كىتابتا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى غەرب دۇنياسىغا كىشىلىك ھوقۇقچى دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقانلىىڭىز، يەنى غەرب دۇنياسىنى ئالداۋاتقانلىقىڭىز ۋە غەربنىڭ سىزنىڭ خىتاينى پارچىلاش غەرىزىڭىزنى بىلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى يېزىپتۇ، راستىنلا پائالىيىتىڭىز داۋامىدا، جۈملىدىن غەرب بىلەن سۆھبەتلەردە ئەسلى مەقسىتىڭىزنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى يوشۇرۇپ قېلىۋاتقان ياكى ئاياپ قېلىۋاتقان ئەھۋال بارمۇ؟
جاۋاب : ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، كىشىلىك ھوقۇق تەلىپى بىلەن مۇستەقىللىق تەلىپى بىر - بىرىگە زىت تەلەپ ئەمەس، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بەزىدە بىر - بىرىنى ئىچىگە ئالغان تەلەپلەر. بۈگۈنگە قەدەر كۆپىنچە دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار مەن بىلەن رەسمىي سۆھبەتلەشكەندە، " بىز سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟" دەپ سوراۋاتىدۇ؛ مەندىن " ئاخىرىقى غايەڭلەر نېمە؟ " دەپ سوراپ كەتمىدى؛ بەلكى مەنمۇ شۇڭا ئالدىمدىكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ كۈچ - قۇدرىتى، ئىمكانى، خاھىشىغا قارىتا تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن. تەلەپلىرىمىزنىڭ ھەممىنى ئەمەس، بىر قىسىمىنى ۋە مۇناسىۋەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن. بۇ ھەرگىز غايىمىزنى يوشۇرۇش ئەمەس. ئەلۋەتتە بەزى چاغلاردا، بولۇپمۇ ئىختىيارىي سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ يولى نېمە دەپ سورايدىغانلار بار، مەنمۇ ھېچ ئىكىلەنمەي ۋە كېچىكتۈرمەي " مۇستەقىللىق" دەپ جاۋاب بېرىمەن. شۇڭا غەرب دۇنياسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى بارلىقىنى، مېنىڭمۇ مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ، بۇ ھەرگىز بىر سىر ئەمەس.
سوئال: ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن كىتابتا سىزنى كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى بىلەن ئۆزىنى پەدەزلىدى، دەيدۇ، خىتاي سىزنىڭ پائالىيەتلىرىڭىزدە مۇستەقىللىق غايىڭىزنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنىڭىزدىن خەۋەرسىزمۇ؟
جاۋاب: خەۋىرى بار، قۇرۇلتاي نىزامنامىمىزدا مىللىتىمىزنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىز ئوچۇق يېزىلغان. شەرقى تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن تولۇق ئىستلا قىلىنغان. 1949 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر رايوندا يۈز بەرگەن ۋە داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ ئاشكارا خىتاپ قىلىنىشى، خىتاي پەقەت، بىزنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلسىدە ھېچقانداق بىر كۈچ بىلەن مۇزاكىرىگە ئولتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىۋاتىدۇ.
سوئال: قىسقىسى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كوپىنچە ھاللاردا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرىۋاتىمەن، بۇ مۇستەقىللىق غايىمىزنى يوشۇرغانلىق ئەمەس دېمەكچىمۇسىز؟
جاۋاب: شۇنداق. ئامېرىكىدا بىر گەپ بار، " ئەركىنلىك بىكارلىق نەرسە ئەمەس" دەيدىغان، بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى مەنىسىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ بىكارلىق نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ شۇڭا مۇستەقىللىق تەلىپىمىزنى پەقەت زۆرۈر تېپىلغان يەردە دەپ كېلىۋاتىمەن، ھەر يەردە ئەمەس. ئەسكەرتىدىغىنىم ئىشىنىمەنكى، دۇنيا ۋەزىيىتى بۇنداق كېتىۋەرمەيدۇ؛ دۇنيادىكى مىللەتلەر كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ھازىرقىدەك ئېگىز - پەس داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى بېيجىڭنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا ئەمەس، ھەم شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ ئىرادىسى بويىچە مۇزاكىرە قىلىدىغان پۇرسەتلەر خىتايدىمۇ، خەلقئارادىمۇ ئۇزۇنغا قالماي چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.