د ئۇ ق رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئوسلودا زىيارەتتە بولدى

0:00 / 0:00

2017-يىلى 19-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا زىيارەتتە بولدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەر ۋە ھەيئەتلىرىدىن پەرھات ياقۇپ، سەمەت ئابلا، ئادىلجان قاتارلىقلار نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئايرودرومغا چېقىپ قارشى ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پايتەخت ئوسلوغا جايلاشقان «نورۋېگىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» مەسچىتىدە 19-ئاۋغۇست كۈنى شەنبە سائەت 3:00 تىن سائەت 5:30 گىچە يىغىلىش پائالىيىتى بولدى. بۇ پائالىيەتكە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن 50 كە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى نورۋېگىيە سەپىرىدە ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەگە كېلىش مەقسىتىنى قىسقىچە بايان كېلىپ ئۆتتى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئاتاپ تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كومىتېت سايلىمىدىن كېيىنكى خىزمەت دوكلاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

«نورۋېگىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» ھەيئىتى ۋە جامائەت چوڭلىرىدىن مەمتىمىن ھاجىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى تەپسىلىي بىلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە، رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەگە كېلىش مەقسىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.