قاراماي پۇقرالىرى رامزان مەزگىلىدە قارامايدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

رادىئومىز قارامايدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 26-ئىيۇل پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاراماي دائىرىلىرى سىرتتىن بىر قىسىم قوراللىق ساقچىلارنى يۆتكەپ كەلگەن. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تولۇق قوراللانغان ئەسكەر-ساقچىلار ۋە توقماق كۆتۈرگەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلار شەھەر كوچىلىرىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھالەت شەكىللەنگەن. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاراماي پۇقرالىرى بولسا، بۇ خىل ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ، «قارامايدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

2013-يىللىق رامزان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قاراتقان ھەر خىل چەكلىمە ۋە تەدبىرلىرىنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ كۈچەيتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي شەھىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چىقارغان ھەر خىل ناملاردىكى«رامزان مەزگىلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇقتۇرۇشلىرى» ۋە تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا رامزان ئېيىنى كۈتۈۋالغان.

بۈگۈن قارامايدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا قاراماي شەھەر كوچىلىرىدا باشقا جايلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن تولۇق قوراللانغان ساقچى-ئەسكەرلەردىن باشقا يەنە، توقماق كۆتۈرگەن ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى 24 سائەت چارلاش ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

قارامايدا رامزان مەزگىلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر خانىم، ئۆزى قاراشلىق رايوندىكى ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ قارامايدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھالەتنىڭ 20-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قاراماي ھۆكۈمەت تورىنىڭ بۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدىكى خەۋەرلىرىدىمۇ، قارامايدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ،ھەر خىل مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى.

قاراماي ھۆكۈمەت تورىنىڭ 11-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا «شىنجياڭدىكى تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پولاتتەك مۇداپىئە ئىستىھكامى قۇرايلى» سەرلەۋھىلىك يىغىن خەۋىرىدە 10-ئىيۇل كۈنى قاراماي نېفىت باش ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى يۈ ۋېينىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«قارامايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن 5400 نەپەر كىشىنى ئاجرىتىپ،نېفىت رايونىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، 24 سائەتلىك چارلاش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى» خەۋەر قىلىندى. شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى تورىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى سانىدا يەنە«قاراماي شەھەر ئاھالىسى ئاممىۋى سورۇنلاردىكى نازارەت قىلىش كامېرالىرىدىن بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى كۆرەلەيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە،10-ئىيۇلدىن باشلاپ قاراماي شەھەر ئاھالىسىنىڭ قارامايدىكى 82 جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى قول تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرلىرىدىن كۆرەلەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

قاراماي دائىرىلىرى يەنە، رامزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش-بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان. 8-ئىيۇل كۈنى قاراماي ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان«رامزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش» نامىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، رامزان مەزگىلىدە قاراماي شەھىرىدىكى مەسچىت قاتارلىق دىنىي سورۇنلاردا ھەرقانداق نامدا دىنىي تەلىم-تەربىيە كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى؛ زوھۇر ۋە ئىپتار ۋاقتىنىڭ ھۆكۈمەت تارقاتقان جەدۋەلگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى؛ رايون ئاتلاپ، مەسچىت ئاتلاپ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدىغانلىقى، دىنىي سورۇنلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.

قاراماي ساقچى دائىرىلىرى يەنە قارامايدىكى ئەرزدارلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، ئەرزدارلارنىڭ بۇ بىر ئاي ئىچىدە قارامايدىكى ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىغا توپلىنىپ ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئەرزدارلاردىن ساقچى ئورۇنلىرى تارقاتقان كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان قارامايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ يېرىم يىلدىن بۇيان ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قارامايلىق ئانىلاردىن بىرەيلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى قاراشلىق رايوندىكى ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا نارازىلىق بىلدۈرمەسلىك ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە قارامايدا 17 نەپەر ئۇيغۇر قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يېڭى ئىرا گېزىتى قاتارلىقلاردا بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلدى. ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن بولۇپ،رادىئومىز بۇ ھەقتە رايوندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشماقتا.