دائىرىلەرنىڭ رامىزان مەزگىلىدە كومپارتىيە بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، بۇ يىل 1-ئىيۇل يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئېيى رامىزان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئىدارە-ئورگانلىرىدىكى كادىرلار ھەتتا يېزا، كەنتلەردىكى دېھقانلارنى تەشكىللەپ، ئاتالمىش كومپارتىيىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيىتى، ئىپادە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرنى كۆپەيتكەن. دائىرىلەرنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلىرى چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن، «ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك سىياسىي ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى روزا تۇتۇشتەك دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىدۇر» دەپ تەنقىدلەندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى مەدھىيىلەيدىغان قىزىل ناخشا ئېيتىش قاتارلىق ھەل خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى بارغانچە كۆپەيتتى. ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل رامىزان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن 1-ئىيۇلدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامىدا، ئىدارە-ئورگانلاردا كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى يىغىۋېلىپ «پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش»، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىستىلى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەتتا يېزىلاردىكى دېھقان ياشلىرىنى تەشكىللەپ قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا «بىر ئايدىن بۇيان يېزا ياشلىرىنىڭ كەنت ئىشخانىلىرىغا يىغىۋېلىنىپ، ئاتالمىش ‹ئىنقىلابىي قىزىل ناخشىلار›نى مەشىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ناھىيە بويىچە قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە 1-ئىيۇل پارتىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلىپ، «دىنىي رادىكاللىققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ھىمايە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغداش» تەشۋىقات تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 27-ئىيۇندىكى سانىدا «خوتەن ناھىيىسىدە 1-ئىيۇل پارتىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى»، «جىمىسار ناھىيىسى قىزىل ناخشا ئېيتىپ كومپارتىيە بايرىمىنى كۈتۈۋالدى»، «خوتەندە دەم ئېلىشقا چىققان پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشتى»، «توقسۇندا پارتىيە ئەزالىرى يەرلىك خەلقنى يوقلاپ، پارتىيە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى» دېگەندەك ماۋزۇلار قويۇلغان ماقالىلەر بېسىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە كومپارتىيىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى پارتىيىنىڭ مېھرى-شەپقىتىنى ھېس قىلىش دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قارىتا پەرۋاسىزلىق، بىزارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقان ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئېغىر ئاپەت سەۋەبىدىن مەزكۇر يېزىدا بۇ يىل بۇلتۇرقىدەك «قىزىل ناخشا ئېيتىش» پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،«يېزا كادىرلىرى ھازىر يۈز بەرگەن زىيانلارنى ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش بىلەن ئالدىراش، بۇ يىل ئۇنداق پائالىيەتلەر بولمىدى، بىزمۇ ئارام ئېلىپ قالدۇق» دېدى.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل «سىياسىي تەشۋىقات» پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان «ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە خاس مىللىي ئەنئەنە ۋە دىنىي ئېتىقادتىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا كوممۇنىستىك سىياسىي تەشۋىقات ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش»، «خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش» تەك سىياسىي مەقسەتكە يېتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلاردىكى بىزارلىق ۋە نارازىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «قىزىل ناخشا ئېيتىش» پۈتۈن خىتايدا ئومۇملىشىۋاتقان كەيپىيات بولۇپ،«خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش تەشۋىقاتى»، «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل «قىزىل تەشۋىقات پائالىيىتى» نى مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىشىدا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەقسەتلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردا پۇقرالار جىددىي ۋە كۆپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ بېيىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان، يەرلىك يېزىلىق ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەر قانداق قىلىپ، ئۆز رايونلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بۇ ئاي -بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا «قىزىل ناخشا ئېيتىش»، «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» پائالىيەتلىرىنىڭ يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشى، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى»نىڭ مەسئۇلى ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەزەلدىن پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئەقىدىسى كۈچىيىپ كەتسە ئۇيغۇرلاردا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن يىراقلىشىدىغان كەيپىيات جانلىنىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل قىزىل تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ "مېڭە يۇيۇش "مەقسىتىگە يېتىش، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە ھەر خىل ئامال-چارىلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىي ئەقىدىسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە، دائىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان «قىزىل تەشۋىقات» ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان «مېڭە يۇيۇش» مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇلاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا نىسبەتەن بىزارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل «قىزىل تەشۋىقات» سىياسىتىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەشۋىقاتنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە شەرت ھازىرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.