ئانالىزچىلار: خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقى ۋاقىتلىق، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئېلىپ كېلەلمەيدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق يىغىنىدا، ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى، دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلماسلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىگە تاجاۋۇز قىلماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسىتىپ، ئاسىيا ئەللىرىنى ئاسىيادا «ئىزچىل» ۋە «ئۇزۇن مۇددەتلىك» بىخەتەرلىك ھەمكارلىق رامكىسى قۇرۇشقا چاقىرغان.

ئۇ، ئامېرىكىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەكلىپ پىكرى، بۇ رايوننىڭ تىنچلىق، مۇقىملىقىنى قوغداش، مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاسىيا بىخەتەرلىكىنىڭ ئاسىيا سىرتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاسىيانىڭ ئىشلىرىنى ئاسىيا خەلقى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېگەن.

شى جىنپىڭ بۇ تەكلىپنى رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان جىددىي يېقىنلىشىشقا قاراپ ماڭغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىققەت قوزغىدى. ئىككى دۆلەت سەيشەنبە كۈنى سوممىسى 400 مىليارد دوللارلىق 30 يىللىق تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە، شەرقىي دېڭىزدا زور كۆلەملىك بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە ھەربىي مانېۋىرى باشلىغان. بىر ھەپتىلىك مانېۋىرغا ئىككى تەرەپ ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى قاتناشتۇرغان ئىدى.

رۇسىيە-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ يېقىنچىلىق ئىككى دۆلەت 1950 ۋە 6019‏-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى «سوۋېت -جۇڭگو ھەمكارلىق دەۋرى» گە قايتىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا قىلغان.

بىراق ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئانالىزچىسى، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى چېن كۇيدې ئەپەندى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ۋاقىتلىق ۋە ھازىرقى سىياسىي ئېھتىياجدىن تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىپ، شەرقىي ئۇكرائىنادا قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئېمبارگوغا دۇچ كەلگەن. بۇ ئورتاق نۇقتا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونى ۋاقىتلىق ئىتتىپاقلاشتۇرغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنقى ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىش، قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسى ئىپادىلىدى. ئۇلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئېمبارگو قويۇشى ۋە تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغاچقا، بۇ ئورتاق نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ئۆز ئارا بىرلەشتى ۋە ھازىرقى ئىتتىپاقداشلىقنى شەكىللەندۈردى. مەسىلەن، تەبىئىي گاز كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى. بۇ مەسىلىدە ئۇلار كېلىشەلمەيۋاتقانغا ئون نەچچە يىل بولغان. ئەمدى، كېلىشىم ھاسىل قىلدى. مەن بۇنى بۇرۇنلا قىياس قىلغان. چۈنكى، ئۇلار ھازىرقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. بىراق ئۇلار مەلۇم مەزگىل نوقۇل ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى قۇرالىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ 1950 ۋە 60‏-يىللاردىكى ئىدېئولوگىيىلىك ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ئورتاق سوتسىيالىستىك لاگېر قۇرۇپ، غەرب بىلەن دۈشمەنلىشىش دەۋرىگە قايتىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس.

چېن كۇيدې قارىشىچە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ئىختىلاپ ناھايىتى زور ۋە چوڭقۇر. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئىتىدە زور پەرقلەر بار.

ئۇ: ھازىرقى رۇسىيە كوممۇنىستىك دۆلەت ئەمەس. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك مەنپەئەتى پەرقلىق. ئەلۋەتتە، ئۇلار قىسقا ۋاقىتلىق سىياسىي جۇغراپىيىلىك مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بېسىمىغا قارشى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى قۇرسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەت پەرقى ناھايىتى زور. ئالدى بىلەن، تارىختا جۇڭگونىڭ ئەڭ كۆپ زېمىنىنى بېسىۋالغان دۆلەت، رۇسىيە. بۇنىڭدىن سىرت، تاشقى موڭغۇل مەسىلىسى بار. جۇڭگودىكى مىللەتچى كۈچلەر تاشقى موڭغۇل بىلەن ئىچكى موڭغۇلنى بىر پۈتۈن بولۇپ، جۇڭگو مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ. سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا قوراللىق زەربە بېرىپ، ئۇنىڭ يادرو قوراللىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىشنى پىلانلىغان. بىراق بۇ ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن نوقۇل ئىتتىپاق قۇرۇپ، سوۋېتقا تاقابىل تۇرۇشىغا ئېلىپ بارغان. شۇڭا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىدە ناھايىتى زور زىددىيەت بار.

شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئاسىيا ئەللىرىنى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىققا قەتئىي يول قويماسلىققا چاقىرغان. ئۇ، بىز خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 3 خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، رايون خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ھەم ئېسەنلىك ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك، دېگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى كۈچىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى ۋەقەلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە باغلىغان ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، تەپسىلىي ئۇچۇر ۋە كونكرېت پاكىتلار بىلەن تەمىنلىمىگەن بولسىمۇ، بىراق 30‏-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى چەتئەلدىكى يۈسۈپ ئىسمائىل ئىسىملىك كىشىنىڭ پىلانلىغانلىقى، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق مەسىلىسى كۆچمەن يۆتكەشكە، ھەربىي كۈچكە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىققا تايىنىپ ھەل بولمايدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمەن ئالغاندا، سەن يەرلىك خەلقنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقىغا، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىڭ، ئاندىن كۆپچىلىك بىردەك ئېتىراپ قىلغان تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىڭ كېرەك. مەسىلىنى زورلۇق كۈچكە تايىنىپ باستۇرماسلىق لازىم. سېنىڭغۇ ھازىرچە كۈچۈڭ ناھايىتى زور. جۇڭگونىڭ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمۇ قوراللىق باستۇرۇشنى نىشان قىلغان. بىراق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى رايوندا مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىكنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە ئىگە -ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئورتاق نىشانى بارلىقى گۇمانلىق. چۈنكى، بۇ ئورگان قۇرۇلغانغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ش ئا ئە ت غا ئوخشاش بىخەتەرلىك، تىنچلىق ساقلاش جەھەتتە ئۈنۈمدارلىقى يوق.

چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق، مۇقىملىق ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى پىكىر بىردەكلىكى، خەلقئارا قانۇن نىزاملارغا رىئايە قىلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

لېكىن چېن كۇيدې ئەپەندى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ياكى خىتاينىڭ ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.