چۆچەكتە خىتاي نەمۇنىچىسى سالىھجان يەنە بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئۆكتەبىر كۈنى چۆچەك شەھىرىدىكى سالىھجان خىتاي دۆلەت بايرىمىنى ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ھويلىسىدا بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چۆچەك شەھىرى قارادۆڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق سالىھجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە،بۈگۈن ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدىن سائەت سەككىز يېرىمغا قەدەر ھەر مىللەت ئاممىسىدىن بولۇپ، جەمئىي يۈز ئەللىك كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆز ھويلىسىدا بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

بىراق، بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە شۇنداقلا زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان پاتىگۈل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتكە خولۇم-قوشنا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن ئەللىك نەچچە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان.

سالىھجان، 3-سېنتەبىرمۇ ئۆز ھويلىسىدا خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايراق چىقىرىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت 1985-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغان ۋە شۇ يىلى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش مېدالىغا ئېرىشكەن سالىھجان ۋە بۈگۈنكى پائالىيىتىگە قاتناشقان پاتىگۈل خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.