بىر دىندار ئۇيغۇر ياش ئۆز دىنىي ئەقىدىسى سەۋەبلىك 6 قېتىم تۈرمىدە ياتقان ۋە ئېغىر تەن جازالىرىغا دۇچار بولغان.
ھاياتى بىخەتەرلىكى جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا كۆپ خورلۇق تارتقان بۇ ياش ئاخىرى ئانا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ باشقا ئەللەرگە بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
باشقا بارلىق سەرگەردان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ياش ئەركىن ئىگەمبەردى مۇخبىرىمىزغا كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت ساقىلى بولغانلىقى ئۈچۈن 2009- يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 6 قېتىم تۇتۇپ كېتىلىپ سولانغان.
ئەركىن ئىگەمبەردى مۇنداق دېدى: پەقەت ساقال قويغانلىقىم ئۈچۈنلا 6 قېتىم سولاندىم، باشقا ئىشىم يوق، پەقەت مۇشۇ ساقال سەۋەبىدىنلا، ھەر قېتىمدا بىر ئىككى ئاي ئەتراپىدا سولاندىم.
گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 38- ماددىسىدا پۇقرالارنىڭ ئىززەت غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلماسلىق، 36- ماددىسىدا بولسا دىنغا ئىشىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادىتى بولغان ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇش، ئاياللارنىڭ ئورۇلۇپ يۈرۈشىنى چەكلىدى. بۇ سىياسەت نۆۋەتتە ئۇيغۇر زېمىنىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ يۈرگۈزۈلمەكتە.
ئەركىن ئىگەمبەردى ساقال سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولغان بولسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراشتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن.
ئۇ مۇنداق دېدى : ئۇلارغا بۇنىڭ قانۇندا يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇلار:«قانۇندا يوق بولغان بىلەن ھۆكۈمەت يول قويمايدۇ» دېدى. بۇ قانداق گەپ ئەمدى دەپ ئۇلارغا چىڭراق گەپ قىلسىڭىز، ئۈستىڭىزگە دەرھال جىنايەت ئارتىدۇ. بوش تۇرسىڭىز ، ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىدۇ. پۇت، قولۇم باغلاقلىق سوراقخانىدا بولغانلىقىم، ئۇلار زۇلۇم قىلغۇچى، مەن زۇلۇم قىلىنغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تاكاللاشقىلى بولمىدى.
ئەركىن ئىگەمبەردى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ساقال قويغان ئۇيغۇر ئەرلىرىنى تۇتۇپ كېتىپ بىر ئىككى ئاي سولاپ قويۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېچىنىشلىق قىيىن- قىستاقلارغا ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قىيىن - قىستاقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى: ئۇلار ھەر قېتىم تۇتۇۋالغىنىدا ساقاللىرىمنى يۇڭداپ ئۇرۇپ قىينىدى. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ بىرەر ئايغىچە ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم.
لېكىن، ئەركىن ئىگەمبەردى قانچە قىيىن - قىستاققا ئۇچرىغانسېرى، شۇنچە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىدىكى بىر تال تۈككىمۇ ئىگە بولالمىساق ، باشقا نەرسىنى قانداق ساقلاپ قالىمىز؟ بىزنىڭ شۇنچىلىكمۇ بىر ئىنسانىي ھوقۇقىمىز بولمىسا. شۇڭا مەن تۇتۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالىم بولسىمۇ ساقىلىمنى چۈشۈرۈۋېتىپ خىتاي ئەرلەردەك كوسا بولۇپ يۈرۈشنى خالىمىدىم.
ئەركىن ئىگەمبەردى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇششاق تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ غەرب ئەللىرىدە پاناھلىق تىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەركىن ئىگەمبەردى سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن، ئۆزى سۆيگەن تۇپراقتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان مەسىلىنىڭ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ساقال مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى غۇرۇر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى: كىمنىڭمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن، دوست ، بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلسۇن. لېكىن، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى بىر تال مويغىمۇ ئىگە بولۇش ھوقۇقى يوق، باشقا ھوقۇقلىرىدىن قانداق سوز ئاچقىلى بولسۇن.